باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەدەنىيەت يېڭى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى مۇساپىنى باشلايلى

ــ 19-نۆۋەتلىك جۇڭگو-شاڭخەي خەلقئارا سەنئەت بايرىمىنىڭ باشلانغانلىقى توغرىسىدا

2017.10.21 14:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممسى: ئالتۇن كۈزنىڭ كىرىشى بىلەن جۇڭگو شاڭخەي خەلقئارا سەنئەت بايرىمىمۇ ئۆز ۋاقتىدا يېتىپ كەلدى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلىۋاتقان پەيتتە، سەنئەت بايرىمى سەنئەت بىلەن جۇڭگونىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، دۇنيانىڭ ساداسىنى ئاڭلايدۇ، ۋاقىتنىڭ بۇنداق توغرا كېلىپ قېلىشى بۇ قېتىملىق سەنئەت بايرىمىنى ئۆزگىچە ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىدۇ.

  سەنئەت ــ دەۋرنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ، مەدەنىيەت ماكانى بەرپا قىلىدۇ. دىراما «گۇ ۋېنچاڭ» ، «دۇڭ بىۋۇ»، «تاش ئىشىكتىن تيەنئەنمېن مەيدانىغىچە» تېمىسىدىكى شاڭخەي گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ۋە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتى، بېرلىن كۈيسۆيەر ئوركېستىرى، ۋيېنا كۈيسۆيەر ئوركېستىرىنىڭ مۇزىكا كېچىلىكى، شاڭخەي سەنئەت كۆرگەزمىسى... بىر ئاينىڭ ئىچىدە سەنئەت بايرىمىدا چېگرا ئىچى-سىرتىنىڭ 45 مەيدان ئويۇنى قويۇلۇپ، 10 تۈرلۈك كۆرگەزمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، 46 مەيدان پاراۋانلىق ئويۇنى كۆرسىتىلىپ، نەچچە ئون مىليون كىشىگە مەدەنىيەت زىياپىتى بېرىدۇ. قالتىس سەنئەت ماھارەتلىرى بۇ يەردە كۆرسىتىلىپ، مول مەزمۇنلۇق كۆپ خىل مەدەنىيەت بۇ يەردە توپلىشىدۇ، شاڭخەي خەلقئارا سەنئەت بايرىمى ھەم جۇڭگو بىلەن دۇنيانى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك، ھەم چوڭ دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىنى يېتىلدۈرىدىغان كاتتا زىياپەت.

  دۆلەت دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال سەنئەت بايرىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شاڭخەي خەلقئارا سەنئەت بايرىمى ئىزچىل دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدىكى تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش بايرام پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. 1999-يىلى يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، 19 يىللىق ئەدەبىي ئىستېدات ۋە ئەخلاق-پەزىلەت بىر مەدەنىيەت چوڭ دۆلىتىنىڭ يىراق سەپىرىنى يورۇتۇپ بەردى. سەنئەت بىلەن كۈچنى مۇجەسسەملەپ، سەھنىدە قەلبىنى ئىزھار قىلدى، بۇ سەنئەت ئالماشتۇرۇش سۇپىسى، ئاممىۋى مەدەنىيەت سۇپىسى بولۇپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ رەڭدار سەھىپىسىنى يېزىپ چىقتى.

  بۇ سەنئەت كاتتا مەرىكىسى. 19 يىلدىن بۇيان شاڭخەي خەلقئارا سەنئەت بايرىمى باشتىن-ئاخىر «كىرگۈزۈش، سىرتقا چىقىرىش» مۇھىم پىرىنسىپىدا چىڭ تۇردى. خەلقئاراغا داڭلىق ئوركېستىر، سەنئەتكارلارنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك نومۇرلىرىنى يېقىن ئارىلىقتا ھۇزۇرلىنىش بىلەن جۇڭگولۇق تاماشىبىنلارنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭەيدى؛ جۇڭگونىڭ نۇرغۇن ئىجادىي نادىر سەنئەت نومۇرلىرىمۇ سەھنىلەردە قويۇلۇپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى سۆزلەپ، جۇڭگو قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، دۇنياغا جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈردى.

  بۇ ئاۋامنىڭ بايرىمى. شاڭخەي خەلقئارا سەنئەت بايرىمى مەزگىلىدە، ئاممىۋى ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە سەنئەتنى مەكتەپلەرگە ئېلىپ كىرىش قاتارلىق جامائەت پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىغىمۇ 19 يىل بولدى، سەنئەتنىڭ گۈزەللىكىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ھېس قىلدۇرۇپ، ئىناق، ئۆز ئارا سىڭىشقان سەنئەت ئاسمىنى بەرپا قىلدى. سەنئەت بايرىمى شەھەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەرنىڭ مەدەنىيەت ئوبرازىنى تىكلەپ، تۇرمۇشنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، شەھەرنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستاپا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر