خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 3-مەيدان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. 19-قۇرۇلتاينىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گو ۋېيمىن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يىجيۇڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى رەن ۋەنشياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گو يېجۇنى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى ۋە تاشقى ئالاقە خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇشقا ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. 240تىن ئارتۇق جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىر يىغىنىغا قاتناشتى.
كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى گەۋدىلەندى
جاڭ يىجيۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىرلىك سەپ ــــ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىك قىلىپ ھەر قايسى پارتىيە-گۇرۇھلار، ھەر قايسى قاتلام، ھەر قايسى مىللەت، ھەر قايسى كوللېكتىپ، ھەر ساھە زاتلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان سىياسىي ئىتتىپاق. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىلگىرى-كېيىن مەركەزنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنى، مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى، مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنى، مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، مەركەزنىڭ 6-قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك يېڭى ئىجتىمائىي قاتلام زاتلىرى بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، پارتىيەمىزنىڭ بىرلىك سەپ توغرىسىدىكى تۇنجى پارتىيە ئىچىدىكى نىزامى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى نىزامى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» ۋە بىر تۈركۈم قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلىپ، بىرلىك سەپ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ راۋاجلىنىپ، مۇستەھكەملىنىپ زورىيىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا مۇھىم ئەڭگۈشتەرلىك رولىنى جارى قىلدۇردى.
جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى قاتلاملارنىڭ ھاياتىي كۈچى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى قاتلاملارنىڭ ھاياتىي كۈچى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى. جاڭ يىجيۇڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىشچى-دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ئاساسىدا، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى قاتلام زاتلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى سىنىپىي ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى رىغبەتلەندۈرۈش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىشكە پائال ئاتلىنىپ، ئىجتىمائىي خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە قاتنىشىپ، كارخانىلارنى راۋاجلاندۇرۇپ زورايتىش بىلەن بىرگە دۆلەت، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشىغا مەدەت بەردى. پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار، چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەنلەرنى كەسىپ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە ئاتلىنىشقا يېتەكلەپ ۋە مەدەت بېرىپ، پارتىيە سىرتىدىكى بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر زىيالىيلار ئۆز ساھەسىدە دۇنيا ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ياراتتى. جەمئىيەت قاتلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، بىرلىك سەپ خىزمىتى ساھەسىنى كېڭەيتىشكە كۈچ چىقىرىپ، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ باشقۇرغۇچى،تېخنىك خادىملىرى، ۋاسىتىچى تەشكىلات ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا ئىشلەيدىغان خادىملار، ئەركىن كەسىپتىكىلەر، يېڭى تاراتقۇلاردا ئىشلەيدىغان خادىملار ئارىسىدىكى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلارنى بىرلىك سەپ خىزمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئۇلارنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا تىرىشتى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ «دوستلار چەمبىرىكى» ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى
پارتىيەلەر سۆھبىتى قىممەت ئىدىيەسى، تەرەققىيات يۆنىلىشى قاتارلىق چوڭقۇر قاتلاملاردا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھاسىل قىلىشقا پايدىلىق. گو يېجۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز ھەر قايسى دۆلەت پارتىيەلىرى بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ئالاقىنى ئىزچىل چوڭقۇرلاشتۇردى. ئىدىيەسى ئوخشايدىغان چەت ئەل پارتىيەلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشقا ئەھمىيەت بەردى، شۇنداقلا ئىدىيەسى بىز بىلەن ئوخشىمايدىغان پارتىيەلەر بىلەن ئالاقە قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى چەت ئەل پارتىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ۋە سىياسىي يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. ھازىرغىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيادىكى 160تىن ئارتۇق دۆلەتتىكى 400دىن ئارتۇق پارتىيە ۋە سىياسىي تەشكىلات بىلەن دائىملىق ئالاقىنى ساقلىدى، ئومۇمىي دائىرىلىك، كەڭ ساھە، كۆپ قاتلاملىق پارتىيە دىپلوماتىيەسى يېڭى ئەندىزىسى شەكىللەندى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى