باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قەلبىمىز يېڭى دەۋرگە بولغان گۈزەل ئارزۇ- ئۈمىد بىلەن تولدى

2017.10.22 17:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يولداش شى جىنپىڭ 19- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا: «ئۇزاق مۇددەت تىرىشىش ئارقىسىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، بۇ ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنى»، دەپ كۆرسەتتى. 19- قۇرۇلتايغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللىرى بەس- بەستە مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردە يېڭى ئىدىيەنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئاخىرىدا بۇنى ھەممىمىز پۇختا ئىشلەپ ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، جاسارەتلىك، ياراملىق بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشىمىز.

  ۋەكىل چيۇ شۇخۇا:

  يېڭى دەۋر تېخىمۇ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى

  بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ۋەكىل چيۇ شۇخۇا مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردە يېڭى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، بەش يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قولغا كەلتۈرگەن زور مۇۋەپپەقىيەت يېقىنقى زاماندىن بۇيان، نۇرغۇن ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان تارىخىي سەكرەشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى، سوتسىيالىزمنىڭ جۇڭگودا قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلغانلىقى ھەم ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچقانلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى كېڭەيتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇ ئىنسانىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا جۇڭگونىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى تەقدىم قىلدى، جۇڭگو لايىھەسىنى سۇندى.

  ۋەكىل چيۇ شۇخۇا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۆزگەرمەكتە، شىنجاڭ ئۆزگەرمەكتە، بورتالامۇ ئۆزگەرمەكتە. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋردىن ئىبارەت تامامەن يېڭى تارىخىي ئورۇنغا قەدەم قويۇشىدا شىنجاڭنىڭمۇ تۆھپىسى بار. بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، شەھەر- يېزىلىرىنىڭ قىياپىتى تۈپتىن يېڭىلىنىپ، ئىتتىپاقلىق كەيپىياتى كۈندىن- كۈنگە قويۇقلىشىپ، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ، تۈرلۈك ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندى.

  ۋەكىل چيۇ شۇخۇا مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ناھايىتى مۇھىم، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، «بەشنى تونۇش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  ۋەكىل ليۇ جىخۇەي:

  بايرىقىمىزنى ئېگىز كۆتۈرىمىز

  قومۇل كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ۋەكىل ليۇ جىخۇەي مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتى ھەر بىر جۇڭگولۇقنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى، يېڭى دەۋر مانا مۇشۇنداق تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر داۋامىدا بارلىققا كەلدى.

  ۋەكىل ليۇ جىخۇەي شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەتتە يىلدىن بۇيان شىنجاڭدىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولدى. ئۇ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ قومۇل كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇشى، دۆلەت ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىنىڭ ئىسلاھات- تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك مەكتەپ قۇرۇلۇشى، قومۇل كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنى بەرپا قىلىش، خېنەن تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن قومۇل كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى ھەمكارلىشىپ ئورتاق قۇرىدىغان ئېنېرگىيە كەسپى تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرگە قاتناشتى. قومۇل كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان كۆپلىگەن ئىشلار 18- قۇرۇلتايدىن بۇيانقى بەش يىلدا ۋۇجۇدقا چىقتى. ئىلگىرىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ھازىر دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك مەكتەپكە ئايلاندى.

  ۋەكىل ليۇ جىخۇەي مۇنداق دېدى: جۇڭگونى راۋاجلاندۇرۇش، گۈللەندۈرۈش، قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن، چوقۇم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشىمىز كېرەك.

  ۋەكىل ئەخمەت مەمەت:

  خەلقنىڭ يېڭى دەۋردىن كۈتكەن ئارزۇ- ئۈمىدىنى يەردە قويمايمىز

  خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، گۇما ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل ئەخمەت مەمەت مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن دوكلاتنى نەق مەيداندا ئاڭلاپ، قەلبىم ھاياجانغا تولدى، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق نەتىجىلەردىن چەكسىز پەخىرلەندىم، ۋەتەننىڭ گۈللىنىپ، مىللەتنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىدىن ناھايىتى ئىپتىخارلاندىم، تېخىمۇ مۇھىمى، كەلگۈسى بەش يىللىق گۈزەل پىلاندىن ھەسسىلەپ روھلاندىم، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرىگە نىسبەتەن ئۈمىدكە تولدۇم.

  ۋەكىل ئەخمەت مەمەت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىلدا، گۇما ناھىيەسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىش ياسىدى.

  ۋەكىل ئەخمەت مەمەت مۇنداق دېدى: دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، يېڭى دەۋر ئېلىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى، تەرەققىيات نىشانىنىڭ ئىلگىرىلىگەنلىكى، خەلقئارا تەسىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. گۇما ناھىيەسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، يېڭى دەۋر ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ زىممىسىدىكى يۈكنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىغانلىقى، خەلقنىڭ كەلگۈسىدىن تېخىمۇ گۈزەل ئارزۇ- ئۈمىدلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ناھىيەمىز ئېغىر نامرات رايون، ۋەزىپىمىز تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ تىرىشىشىمىز كېرەك. بىز تېخىمۇ باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، يەڭنى تۈرۈپ، ناھىيەمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ، غەيرەت قىلىپ، جان تىكىپ ئىشلەپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە سۆرەلمىلىك قىلماي، خەلقنىڭ يېڭى دەۋردىن كۈتكەن ئارزۇ- ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر