باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇخبىرلار خاتىرىسى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى «جۇڭگونىڭ سۆز ھوقۇقى»نى كۈچەيتتى

2017.10.22 17:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، 130 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن چەت ئەللىك مۇخبىرلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىنى تولۇق خەۋەر قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتى ۋە ئۇچۇر ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەتكۈزۈلگەن ئۇچۇرلارنى كۆپ يۆنۈلۈش، كۆپ نۇقتىدىن چۈشەندۈردى. كۆپ دۆلەت مۇخبىرلىرى بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا، مۇخبىرلارنىڭ جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئاساسەن بىردەك ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى ئېنىق ھېس قىلىندى.

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «ئىجادىي، ماسلاشقان، يېشىل، ئېچىۋېتىلگەن، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىئوردانىيە يەر شارى رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى سالىنىڭ قارىشىچە، جۇڭگولا ئەمەس، «پۈتۈن دۇنيا ئوخشاشلا بۇ خىل ئىلغار تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكلىشىگە موھتاج» ئىكەن.

  نۆۋەتتە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك ئەمەس، باي- نامراتلىق پەرقى كۈنسايىن كۈچىيىپ، رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى بىردەم كۆتۈرۈلۈپ، بىردەم پەسەيمەكتە، دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق كۈنسېرى گەۋدىلىك بولماقتا. «تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتقا ئىرىشىش» ھەرقايسى دۆلەتلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى ھەمدە ھەرقايسى دۆلەت مۇخبىرلىرىنىڭ جۇڭگو ئىدىيەسىنى چۈشىنىشتىكى مۇھىم تىل مۇھىتىنى شەكىللەندۈردى.

  يېقىنقى يىللادىن بۇيان، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۆجىزىسى ھەممىگە ئايان بولۇپ، دۇنيادا كۈچلۈك ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى ئوينىدى. 19-قۇرۇلتاينى خەۋەر قىلغىلى كەلگەن نۇرغۇن چەت ئەل مۇخبىرلىرى ھەمبەھىر ئىقتىساد، ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول مۇلازىمىتىنى سىناپ بېقىش ئارقىلىق، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ غايەت زور ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلىپ، جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىنىڭ ئىلغارلىقىغا قارىتا تېخىمۇ ياخشى تونۇش ھاسىل قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر