باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھەرىكەت قىبلىنەماسى

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىگە نەزەر

2017.10.22 17:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر خىل نەزەرىيە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەندىلا، ئاندىن ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلىيالايدۇ.

  بىر خىل ئىدىيە دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلغاندىلا، ئاندىن تەڭداشسىز كۈچ- قۇدرىتىنى نامايان قىلالايدۇ.

  «يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى» پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى دەۋرىگە ئۆتتى.

  89 مىليون 440 مىڭ كومپارتىيە ئەزاسىغا ئىگە دۇنيادىكى 1- چوڭ پارتىيە ئەمەلىيەتنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىپ، ماركسىزمنىڭ پارلاق ھەقىقەت نۇرىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى چاقناتقۇسى.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىدىن ئىبارەت مۇھىم تېمىغا جاۋاب بېرىش

  − ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئۇنى شەكىللەندۈرۈش

  ئالتۇن كۈز مول ھوسۇلدىن دېرەك بېرىدىغان، ئۈمىدكە تولغان پەسىلدۇر.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا دۇنياغا شۇنداق جاكارلاندىكى: بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى، بىر قاتار مۇھىم فاڭجېن- سىياسەتنى، بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىشنى ئويلىغان بولساقمۇ ھەل بولمىغان كۆپلىگەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى قىلىشنى ئويلىغان بولساقمۇ قىلالمىغان كۆپلىگەن چوڭ ئىشلارنى قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىش بولۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

  19- قۇرۇلتاي ۋەكىلى، مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت- ماتېرىيال تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لېڭ رۇڭ مۇنداق دېدى: تارىخىي ئۆزگىرىشنىڭ ئاساسى پارتىيەمىزنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەۋى يېتەكچىلىكىدە. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋر شارائىتى ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ تەلىپىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە جەھەتتە جاپالىق ئىزدىنىپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى.

  ئىدىيە دەۋرنىڭ باشلامچىسى. 19- قۇرۇلتاي ۋەكىلى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چۈ چىڭشەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلىش، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش تارىخى دەل ماركسىزم، لېنىنىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تارىخىدۇر.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىلغا يېقىن تارىخىدا، ماركسىزمنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت تارىخىي ھالقىش ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، جۈملىدىن دىڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگو نېمە ئۈچۈن ئىنقىلاب قىلىدۇ، كىم ئۈچۈن ئىنقىلاب قىلىدۇ، كىمگە تايىنىپ ئىنقىلاب قىلىدۇ قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرگە؛ سوتسىيالىزم دېگەن نېمە، سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش، قانداق پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى قانداق قۇرۇش، تەرەققىياتنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش، قانداق تەرەققىي قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئايرىم- ئايرىم جاۋاب بەردى.

  19- قۇرۇلتاي ۋەكىلى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ۋېيگۇاڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلەت ئىچى- سىرتى ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە يەنە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تېمىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  30 نەچچە يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق 1 مىلياردتىن ئارتۇق كىشىنىڭ كىيىنىش، تويۇنۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ، دېموكراتىيە، قانۇن ئىدارە قىلىش، باراۋەرلىك، ھەققانىيلىق، بىخەتەرلىك، مۇھىت قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەلەپلەر كۈنسېرى ئاشتى؛ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭسىز، يېتەرسىز بولۇش مەسىلىسى تېخىمۇ گەۋدىلەندى؛ خەلقئارا ۋەزىيەتتە كۆپ ئۆزگىرىش بولۇپ، «ئوتتۇراھال كىرىم توزىقى»، «تۇتسىدىدى توزىقى»نىڭ ئىچكى- تاشقى جەھەتتىكى تەسىرى كەينى- كەينىدىن كۆرۈلدى...

  بۇ خىل مۇرەككەپ، يېشىش قىيىن تەڭلىمە ئالدىدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي ئىرادىنى كۈچەيتىپ، نەزەرىيە ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىشتەك تارىخىي ئورنى، كەڭ دۇنياۋى نەزەرى ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە دائىر بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى.

  − شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى «سەككىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش» ئارقىلىق ئېنىق شەرھلەندى.

  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى ماركسىزم ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى چى پېڭفېي مۇنداق قارىدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قانداق بايراقنى كۆتۈرۈش، قانداق يولدا مېڭىش، قانداق روھىي ھالەتتە تۇرۇش، قانداق تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش، قانداق كۈرەش نىشانىغا يېتىش قاتارلىق بىر قاتار تۈپ مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى. مەيلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىلغا يېقىن تەرەققىيات تارىخىدا بولسۇن، ياكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېرىم ئەسىرگە يېقىن تەرەققىيات تارىخىدا بولسۇن، بۇ ئىدىيە مۇھىم ھەم چوڭقۇر تارىخىي، رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

  − شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى 14 تۈرلۈك ئاساسىي تەدبىر ئارقىلىق كونكرېت پىلانلاندى.

  مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورى، ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى تېما گۇرۇپپىسىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى يەن شۇخەن مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىدىكى «سەككىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش» ۋە 14 تۈرلۈك ئاساسىي تەدبىر يولداش شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ تاكامۇللاشتۇرۇلۇشى، ھەر خىل تەجرىبە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنىڭ مەركەزلىك نامايان قىلىنىشىدۇر.

  − شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى جۇڭگو ئارقىلىق كەلگۈسى يۆنىلىشىنى ئىزدىمەكچى بولغان دۇنيانىڭ نەزەرىنى جەلپ قىلماقتا.

  19- قۇرۇلتاي ئېچىلىش ئالدىدا، دۇنيادىكى 160تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندا «شى جىنپىڭ − دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا» ناملىق كىتاب 6 مىليون پارچىدىن ئارتۇق تارقىتىلىپ، يەنە بىر قېتىم ئىزدىنىش خاراكتېرلىك ئوقۇش قىزغىنلىقى قوزغىدى.

  ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگونى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىس روبېرت كۇھن مۇنداق دېدى: بۇ كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان دۆلەتنى ئىدارە قىلىش قارىشى سىياسىي ساھە بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، ئۇ دۆلەت تۇرمۇشى ۋە ئاۋام، جەمئىيەت ئىشلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر تەرەپلىمە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەدبىرى، پۈتۈن دۇنياغا چىقىرىلغان ئېنىق سىياسەت خىتابىدۇر.

  − شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز تېز ئۆزگىرىۋاتقان دەۋر ۋە يېڭى ئۇلۇغ كۈرەش جەريانىدا، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى تەتبىقلاپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى. ئالايلۇق، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق نەزەرىيەسىنى جۇلالاندۇردى؛ ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە تۇرۇشىدا چىڭ تۇرۇش ماركسىزملىق ئېكولوگىيە قارىشىنى يەنىمۇ بېيىتتى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇلۇشى نەزەرىيەسىنى يەنىمۇ بېيىتتى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى.

  19- قۇرۇلتاي ۋەكىلى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ خەنچىڭ چوڭقۇر ھېسسىياتى بىلەن مۇنداق دېدى: 19- قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، بۇ پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى يېتەكلەپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىدىكى مۇھىم ئابىدە بولۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈشتىكى تارىخىي ھالقىشتىن دېرەك بېرىدۇ.

  مەنبەسىز سۇ بولمايدۇ

  − شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى ۋە ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتىدىن ئەقىل- پاراسەت ئېلىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى

  «دۇنيادا ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، جۇڭگودىمۇ ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، بىز چوقۇم نەزەرىيەدە دەۋرگە يېتىشىپ، قانۇنىيەتلەرنى ئۈزلۈكسىز تونۇپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە باشقا جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك».

  19- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا شەرھلەنگىنى دەل ئۆتكەن بەش يىلدا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو زېمىنىدا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەردۇر.

  داڭلىق جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى مارتىن جاككۇيىس مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولۇشى ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ سەۋەبى، ماركسىزمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يەرلىكلەشتۈرۈپ ۋە جۇڭگوچىلاشتۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇنلاشتۇرغانلىقىدا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جەريان يەنە داۋاملاشماقتا.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندا، قانداق قىلىپ ماركسىزمنى تېخىمۇ ياخشى تەتبىقلاپ، دەۋرنى كۆزەتكىلى، دەۋرنى چۈشەندۈرگىلى، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ؟

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىلغان نەزەرىيە ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خەلق رازى بولىدىغان، دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نەتىجىسىنى ياراتتى.

  − «تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات» ئىقتىسادىي «يېڭى نورمال ھالەت»تىكى چوڭ تەدبىرگە ئايلىنىپ، دۇنيادىكى 2- چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە دۇنيا ئىقتىسادىنى «مۇقىملاشتۇرغۇچى» لىق رولىنى ئوينىدى.

  − «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقىلا بولىدۇكى، توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ». 1500 نەچچە تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرى چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلىندى.

  − «چوڭىغىمۇ، كىچىكىگىمۇ تېگىش» تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش دولقۇنىنى قوزغاپ، قىلغان ئىشتىن چوقۇم نەتىجە قازىنىشتەك مۇتلەق ئۈستۈنلۈك شەكىللەندۈرۈلدى.

  − «ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا بىرىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق» دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سائىتىگە 1500 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتەك ئىنسانىيەت رېكورتى يارىتىلدى.

  − «سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» گۈزەل جۇڭگونىڭ ھەيۋەتلىك كارتىنىسىنى نامايان قىلىپ، «ئىككى چاق تەڭ ئايلىنىش» يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ يېڭى موتورىنى تولۇق سۈرئەت بىلەن قوزغاتتى.

  − «ئەمەلىي ئىشلەش ئەلنى گۈللەندۈرىدۇ، قۇرۇق گەپ دۆلەتنى خارابلاشتۇرىدۇ» دېگەن سۆزگە 1 مىليارد 300 مىليون كىشىنىڭ ئورتاق ئېتىقادى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى «ئەڭ ئۇزاققىچە داۋام قىلىدىغان، ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق كۈچ» كە ئايلاندى...

  پۈتۈن دۇنيا ھەيران قېلىۋاتقاندا، ئىجادىيلىققا، ئومۇمىيلىققا، ئۇزاق مۇددەتلىكلىككە ئىگە بىر قاتار نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈلدى.

  جىڭگاڭشەن شەھىرى، لەنكاۋ ناھىيەسى 2017- يىلى ھەممىدىن ئاۋۋال نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، جۇڭگودىكى نامرات ناھىيەلەرنىڭ سانى تۇنجى قېتىم ئازايدى.

  «دائىرىنى ئىگىلەش»نى «ئادەمگىچە دەل جايىدا ئىگىلەش»كە ئۆزگەرتىشكىچە، «باستۇرۇپ سۇغىرىش» نى «دەل جايىدا تېمىتىپ سۇغىرىش»قا ئۆزگەرتىشكىچە، «مۇقىم پايدا» نى «دەل جايىدا كىرگۈزۈش- چېكىندۈرۈش» كە ئۆزگەرتىشكىچە بولغان سىياسەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويغان دەل جايىدا يۆلەش سىياسىتى بولۇپ، ئۇ ھەر يىلى 13 مىليوندىن ئارتۇق نامراتنى ئازايتىش نەتىجىسى بىلەن، ئىنسانلارنىڭ نامراتلىققا قارشى كۈرەش تارىخىدىكى «ئەڭ ئۇلۇغ ھېكايە» نى يېزىپ چىقتى.

  19- قۇرۇلتاي ۋەكىلى، جىڭگاڭشەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ خۇڭ مۇنداق دېدى: پارتىيەمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكى بولمىغان، ئامما قەيسەرانە كۈرەش قىلمىغان بولسا، جىڭگاڭشەن نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولاتتى. بۇ يەنە ئىلمىي نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەندىلا، ئۇنى خەلققە ئىگىلەتكەندىلا، ئاندىن ھەقىقەت نۇرىنى تارقىتىپ، پۈتمەس- تۈگىمەس كۈچ ھاسىل بولىدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

  جۇڭگو ئىنسانىيەت تارىخىدا نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئۆزگىچە يېڭىلىق يارىتىۋاتقان بولۇپ، بۇ مۇساپىدىن نەپ ئالىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئەلرايىنى تەكشۈرۈش مەركىزى − پېۋ تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىدىن رازى بولۇش دەرىجىسى دۇنيادىكى باشقا سىياسىي تۈزۈلمىدىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭكىدىن يۇقىرى ئىكەن.

  چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ماركسىزم ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى دەي مۇسەي مۇنداق دېدى: «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز» دىن «خەلقنى باشتىن- ئاخىر قەلب تۆرىمىزگە قويۇش»قىچە، «خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش» تىن «ئەلرايى ئەڭ چوڭ سىياسىي» غىچە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش قارىشىنى پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نىشانى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەدبىرى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شەكلى قاتارلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئامىللىرىغا سىڭدۈردى.

  بەش يىل ئىلگىرى، شى جىنپىڭ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا: خەلق بىزنىڭ كۈچ مەنبەيىمىز، دېگەنىدى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئۇ ئېلىمىزدىكى تۇتاش كەتكەن قىيىنچىلىقى ئېغىر رايونلارغا بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى؛ زاۋۇت، كان، كارخانا، پەن تەتقىقات بازىلىرىغا بېرىپ، ئىسلاھاتتىكى «بوغما» ھالەتنى تەپسىلىي ئىگىلىدى؛ دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى، مەھەللە، ساناتورىيەلەرگە كىرىپ، خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى سەۋرچانلىق بىلەن ئىگىلىدى؛ چېگرا قاراۋۇلخانىلىرى، ليەندۈي گازارمىلىرى، ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالدىنقى سەپتىكى ئىستىھكاملارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش بۇيرۇقى چۈشۈردى...

  ئاممىنىڭ قىزغىن كۈرەش ئەمەلىيىتىدىن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئەقىل- پاراسىتى ۋە تەجرىبىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئاددىي، چۈشىنىشلىك سۆز- ئىبارىلەر بىلەن كۆز قاراش ۋە نەزەرىيەلەرنى شەرھلەپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولىدىغان گۈزەل ئارزۇ جەريانىدا، كەلگۈسىنى ئېچىشتىكى ئىرادە ۋە ئىشەنچنى مۇجەسسەملىدى.

  گۇاڭجۇ «پاجۇ» ئالاقە تورى يېڭىلىق يارىتىش كەسىپلىرى توپلاشقان رايونغا بازار قىممىتى 3 تىرىليون يۈەندىن ئاشىدىغان ئالاقە تورى باشلامچى كارخانىلىرى كەينى- كەينىدىن ماكانلىشىپ، دۇنيا بويىچە ئالاقە تورى كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئالدىن تاللايدىغان جاينى ئورتاق بەرپا قىلدى؛

  يۈننەن ئۆلكىسىدىكى رۈيلى دۆلەت تەرەققىيات- ئېچىۋېتىش سىناق رايونىدا، تاشيول، تۆمۈريول بىلەن «بوشلۇق كارىدورى» قۇرۇلۇشى تېز يولغا قويۇلۇۋاتقان بولۇپ، بۇ جەنۇبىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن يول تۈگۈنى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا جۇڭگونىڭ غەربىي رايوننى ئېچىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلىنىۋاتىدۇ...

  مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مائارىپ باشلىقى خەن چىڭشياڭ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى دەۋر سوئاللىرىنى چۆرىدەپ، ھازىرقى ئەمەلىيەتنى مۇجەسسەملەيدىغان نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى، بۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنىڭ سىستېمىلىق يەكۈنى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرى ۋە كوللېكتىپ ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، 21- ئەسىردە ماركسىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىجادىي تۆھپە قوشتى.

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھەرىكەت قىبلىنەماسى

  − پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش

  60 ياشلىق يەھيا تەكلىپ بويىچە ج ك پ 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتى ئارگىنالىنى سېلىشتۇرۇش، تۈزىتىشكە قاتناشقان تۇنجى تۈركۈمدىكى چەت ئەللىك ئەرەب تىلى مۇتەخەسسىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا «يېڭى دەۋر» دېگەن ئاتالغۇ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى. ئۇ: بۇ، جۇڭگونىڭ تارىخىي ئورنىنىڭ يېڭىدىن بېكىتىلىشى بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك زامانىۋىلىشىشنى تېخىمۇ تېز ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيادىكى تېز تەرەققىي قىلىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقان باشقا دۆلەتلەرنى جۇڭگونىڭ ئەقىل- پاراسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، دېدى.

  يېڭى تارىخىي يۆنىلىش، يېڭى تارىخىي سىناق.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەت خەلقنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەڭپۇڭسىز، يېتەرسىز تەرەققىيات ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى، دەپ چوڭقۇر كۆرسىتىلدى.

  چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت ئەھۋالى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى خۇ ئەنگاڭ مۇنداق دېدى: ئۆزگەرگىنى «ئاساسىي زىددىيەت»، ئۆزگەرمىگىنى سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىنىڭ يەنىلا بىزنىڭ «ئەڭ زور ئەمەلىيىتىمىز» ۋە «ئەڭ زور دۆلەت ئەھۋالىمىز» ئىكەنلىكى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، بۇ «ئۆزگىرىش» بىلەن «ئۆزگەرمەسلىك» پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ سىنايدۇ.

  ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدىن ئىبارەت «تورت»نى چوڭ ياساش، نوپۇسنىڭ تۈپ سانى چوڭ بولۇش، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە بايلىقنىڭ مىقدارى ئاز بولۇش زىددىيىتى يەنىلا گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ؛ يېشىل تەرەققىيات نورمال ھالەتكە قەدەم قويدى، ئېكولوگىيە ئاساسى ئاجىز، مۇھىت سۈپىتىنى چەكلەيدىغان كەمتۈكلۈكلەر يەنىلا كۆرۈنەرلىك؛ رايونلارنىڭ تەرەققىيات پەرقى، شەھەر- يېزىلارنىڭ كىرىم پەرقى داۋاملىق كىچىكلىگەندىن كېيىن، نامرات ئاھالە بىلەن تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرىنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى يەنىلا يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ ... جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يول باشلاۋاتقان «جۇڭگو» ناملىق پاراخوتنىڭ ئالدىدا كەڭ كەتكەن تىنىق سۇمۇ، سۈيى شىددەتلىك ئېقىن، خەتەرلىك ساھىلمۇ بار؛ دېڭىزغا قۇيۇلۇۋاتقان دەريا، كۆللەرمۇ بار، ئۈستىدە تېز كېزىۋاتقان بۇلۇتلارمۇ بار.

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى پارتىيە ۋە خەلقنى يېڭى تارىخىي باسقۇچتا كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورال ۋە ھەرىكەت قىبلىنەماسى بىلەن تەمىنلىدى.

  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى چېن شيەندا مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىلغان نەزەرىيە بولغاندىلا، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقىنى جارى قىلدۇرغىلى، كونا قائىدە- يوسۇنلارغا ئېسىلىۋېلىپ، ئىلگىرىلىيەلمەي توختاپ قېلىشتىن خالىي بولغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا نىشاندىن ئادىشىپ، خاتا يولغا مېڭىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

  يېڭى تارىخىي يۆنىلىش، يېڭى كۈرەش نىشانى.

  زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى ئورنىتىىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولىدىغان تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇپ چىقىش ... 19- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا پىلانلانغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇلۇشىنىڭ گۈزەل كارتىنىسىدا، «باي- قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق بولۇش» ۋە «گۈزەل بولۇش» كۆزنى تېخىمۇ قاماشتۇردى.

  دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى ماركسىزم تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى يەن شياۋفېڭ مۇنداق دېدى: بىرىنچى 100 يىللىق نىشانغا يەتكەن كۈن دەل ئىككىنچى 100 يىللىق نىشان باشلانغان كۈن بولىدۇ. بۇ تارىخىي باسقۇچ بىرىنچى 100 يىللىق نىشاننىڭ ئاتاكىغا ئۆتۈش باسقۇچى بىلەن ئىككىنچى 100 يىللىق نىشاننىڭ پەللىدىن چىقىش باسقۇچى جىپسىلىشىدىغان ئۆتكۈنچى مەزگىل، بىرىنچى 100 يىللىق نىشاننى ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇش بىلەن ئىككىنچى 100 يىللىق نىشاندا ياخشى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى قوش ۋەزىپە مەزگىلى، تۈزۈم تېخىمۇ پىشىپ تۇراقلىشىدىغان، تەرەققىيات سۈپىتى، ئىدارە قىلىش سۈپىتى تېخىمۇ ئاشىدىغان، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىدا ھالقىش بولىدىغان مەزگىل.

  يېڭى تارىخىي يۆنىلىش، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش.

  دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىلاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 1- باسقۇچ، 2020- يىلىدىن 2035- يىلىغىچە، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش؛ 2- باسقۇچ، 2035- يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش.

  مۇشۇ پەيتتە، دېڭ شياۋپىڭنىڭ پارتىيە 13- قۇرۇلتىيىدا زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا «ئۈچ قەدەم بويىچە مېڭىش» ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىغا دەل 30 يىل بولدى.

  ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكىنى قولدىن- قولغا ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلدى.

  19- قۇرۇلتاي ۋەكىلى، نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جاڭ يىبىڭ مۇنداق دېدى: 30 يىلدىن كۆپرەك ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، پارتىيەمىز زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇددەتتىن 15 يىل بۇرۇن تاماملاش ئىقتىدارىنى تولۇق ھازىرلىدى ھەمدە تولۇق ئىشەنچ بىلەن يېڭى 2050- يىللىق نىشاننى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، پارتىيەمىزنىڭ ئىدىيەسى، نەزەرىيەسى، ئىستراتېگىيەسى دەۋرنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، پارتىيەمىز دۆلەت ۋە خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولىدۇ.

  يېڭى تارىخىي يۆنىلىش، يېڭى دەۋر بۇرچى.

  پارتىيە 12- قۇرۇلتىيىدا «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلۇشتىن پارتىيە 13- قۇرۇلتىيىدا زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا «ئۈچ قەدەم بويىچە مېڭىش» ئىستراتېگىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغىچە، پارتىيە 15- قۇرۇلتىيىدا «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشتىن پارتىيە 16- ، 17- ، 18- قۇرۇلتايلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى توغرىسىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى لايىھە، يېڭى تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغىچە، ماركسىزم سوتسىيالىستىك جۇڭگونىڭ بىپايان تۇپرىقىدا ئۈزلۈكسىز ئۇلۇغ مۆجىزىلەرنى ياراتتى.

  ھازىر «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىمىز، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارنى قىلىپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىش ئۇلۇغ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچى شەرھلەندى.

  يولداش شى جىنپىڭ سوتسىيالىزم ھەرىكىتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە زاۋاللىققا يۈزلىنىشى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەجرىبىلىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەت ۋە مەغلۇبىيەتلەرنى يەكۈنلەپ: «پارتىيەمىزنىڭ دۇنيا ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان تارىخىي مۇساپىدە باشتىن- ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشىغا، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ھەر خىل خەۋپ- خەتەر ۋە سىناقلارغا تاقابىل تۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە، باشتىن- ئاخىر پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ تايانچى بولۇشىغا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تارىخىي مۇساپىسىدە، باشتىن- ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

  19- قۇرۇلتاي ۋەكىلى، «چۈنجياڭ» گۇرۇھى پارتكومنىڭ شۇجىسى پېي چۈنلياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ھەرگىز ئاسانلا، ھە- ھۇ بىلەنلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيەمىز كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋاتىدۇ، مىللەتنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋەزىپىسى، يول خەرىتىسى تېخىمۇ ئېنىق بولدى. بىز چوقۇم ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەتلىك ۋە ياراملىق بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك!

  ئالىي غايە روياپقا چىققاندا، جاھان ئومۇمغا مەنسۇپ بولىدۇ.

  «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغاندىن بۇيانقى 170 يىلغا يېقىن ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ماركسىزم شۇ دۆلەتنىڭ دۆلەت ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەندىلا، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەندىلا، ئامما بىلەن تەقدىرداش بولغاندىلا، ئاندىن قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچى، ئىجادكارلىق كۈچى، تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى ئۇرغۇتالايدۇ.

  «يېڭىلىق ياراتقانلار ئىلگىرىلەيدۇ، يېڭىلىق ياراتقانلار قۇدرەت تاپىدۇ، يېڭىلىق ياراتقانلار غەلىبە قىلىدۇ». 19- قۇرۇلتاي ۋەكىلى، دۆلەت دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش تيەنجىن مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مېڭ شياڭفېي مۇنداق دېدى: 96 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېتەكلەپ، غەلىبىسېرى ئىلگىرىلىيەلىشىنىڭ ئاچقۇچى باشتىن- ئاخىر نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە يېتەكچى قىلغانلىقىدا. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۆلىتىمىز جەزمەن يېڭى ئۇچقاندەك تېز تەرەققىياتنى كۈتۈۋېلىپ، يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر