باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

تېخىمۇ جۇشقۇنلۇققا، مەردانىلىككە تولغان يېڭى دەۋرگە قەدەم قويايلى

__ يېڭى ئىدىيە ئارقىلىق يېڭى مۇساپىگە يېتەكچىلىك قىلىش توغرىسىدا

2017.10.19 14:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر «تۆمۈريول مەستانىسى» يېقىندا بىر پىلاننى باشلىدى: جۇڭگودىكى 2306 يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ۋوگزالىغا بېرىپ، «كېيىنكى بېكەت: جۇڭگو» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى سۈرەتكە ئالماقچى بولدى.

  كېيىنكى بېكەتكە بارىدىغان جۇڭگو، جۇڭگونىڭ كېيىنكى بېكىتى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى نۇرغۇن تەسەۋۋۇرغا مۇپتىلا قىلىدۇ. ئىشنىڭ تېگى تەكتىگە يەتكەندىلا، كەلگۈسىنى تېخىمۇ ياخشى پىلانلىغىلى بولىدۇ. يېڭى دەۋر، يېڭى بۇرچ، يېڭى ئىدىيە، يېڭى مۇساپە... 10-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلدى، پۈتۈن دۇنيا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دوكلاتىدىن «جۇڭگو» ناملىق غايەت زور پاراخوتنىڭ تېخىمۇ كەڭ ئوكيانغا كىرگەنلىكىنى كۆردى. قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدا، ھازىرقى زامان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە نەزەرىيەدە، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى تىكلىدى، بۇ يېڭى دەۋرنىڭ ئىدىيە يېتەكچىسىگە ئايلاندى. 30 مىڭ نەچچە خەتلىك دوكلاتقا يېڭى ئىدىيەنىڭ روھى سىڭدۈرۈلدى. يېڭى ئىدىيە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭى بۇرچىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى.

  بىر دۆلەت، قۇدرەت تاپىدىغان كېلەچەكنى قۇچاقلىدى؛ بىر مىللەت گۈللىنىش ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالدى؛ دۇنيانىڭ سوتسىيالىزم ئېقىنى ئۆركەشلەپ ئالغا ئىلگىرىلىدى؛ ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات يولى ئۆزگىچە تۈسكە كىردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ: «جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، دۇنيا سوتسىيالىزمىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە»، دەپ تەكىتلىدى. تارىخنىڭ بۇ تۆت ئوق يۆنىلىشىنى بويلاپ، يېڭى دەۋرگە قەدەم قويايلى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر