جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىندا دوكلات بېرىپ، پۈتۈن دۇنيا تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىملىق يىغىننى خەۋەر قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا چەت ئەللىك 1818 مۇخبىر تىزىملىتىپ، تارىختىن بۇيانقى يېڭى رېكورت يارىتىلغان. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى خەۋەر قىلىش خىزمىتىگە «نۆللۈك ئارىلىق»تا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن تەلەي ئىگىلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن خەۋەر بېرىشكە بېيجىڭغا كەلگەن ھەر قايسى دۆلەت مۇخبىرلىرى ھاياجانلىق ئىلىكىدە بۇنى ئۆمرىدە بىر كېلىدىغان قىممەتلىك پۇرسەت دەپ بىلدى.
«پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى خەۋەر قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىشىم ئۆمرۈمدىكى تېپىلغۇسىز شان-شەرەپ».
«پاكىستان كۆزەتكۈچىلەر گېزىتى»نىڭ دىپلوماتىيە ئالىي مۇخبىرى زۇبائېر قۇرەئىش 10-ئاينىڭ 18-كۈنى ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن بەرگەن دوكلاتى بەك قالتىس بولدى. بىرەر مۇھىم جۈملىنى چۈشۈرۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتتا بىر سېكۇنت ئارام ئېلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدىم. دوكلاتتا جۇڭگونىڭ ئۆتكەن بەش يىللىق تەرەققىيات قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى تونۇشتۇرۇلۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات خەرىتىسىمۇ ئېنىق سىزىلىپ تونۇشتۇرۇلدى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى جۇڭگونىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، پۈتۈن دۇنياغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى