باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يولى» ئىشەنچ ۋە ئېچىۋېتىشنى نامايان قىلدى

2017.10.19 13:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا، خەلق سارىيىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى مەركىزىي زالنىڭ «پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يولى» جۇڭگو-چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. «پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يولى»نىڭ تەسىس قىلىنىشى شۈبھىسىزكى پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، ئاشكارا بولغانلىقىنىڭ بىر كارتىنىسىدۇر. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دېڭىزدەك كەڭ قورساقلىق، ئاكتىپ، ئېچىۋېتىلگەن ھالىتى بىلەن پارتىيەنىڭ كاتتا يىغىنىنى جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا نامايان قىلىپ، دۇنيا خەلقىنىڭ ئالدىدا نامايەن بولدى.

  ھەر قايسى ساھەلەردىن كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ تولۇپ-تاشقان ئىشەنچى ئۆتكەن بەش يىلدىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى سەپلىرىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچى جۇڭگو ئىشەنچىنى پۈتۈپ چىقتى.

  مىكروفون ئالدىغا كېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن چىراق نۇرى ئاستىدا تۇرۇپ، يۈز مېتىرلىق «پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يولى»دا، 19- قۇرۇلتاينىڭ 19 ۋەكىلى جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، يىغىننىڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن قىياپىتىنى نامايان قىلدى. سۆھبەت داۋامىدا چۈشىنىش چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش داۋامىدا ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملەندى، تۇنجى قېتىم تەسىس قىلىنغان «پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يولى» شۈبھىسىزكى دۇنياغا جۇڭگونىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيەسىنى تېخىمۇ يېقىن ئارىلىقتىن چۈشىنىپ، پارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى كۆزىتىشتىكى يېڭى «كۆزنىكى»نى ئېچىپ بەردى.

  كۆزنەك بويلاپ قارىغاندا، كىشىلەر ئىشەنچ ۋە ئېچىۋېتىلىشنى كۆردى؛ دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلانغان، كۈندىن-كۈنگە دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە يېقىنلىشىۋاتقان جۇڭگونىڭ تېخىمۇ خاتىرجەم، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ، تېخىمۇ غەيرەتكە تولغانلىقىنى كۆردى.

  يۈز مېتىرلىق «پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يولى» يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلدى؛ تۈمەنلىگەن ئارزۇ-ئۈمىدلەرنى ئۈستىگە ئالغان يىغىن باشلاندى. «پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يولى»دا يەتكۈزۈلگەن ئىشەنچ، جەسۇرانىلىك ۋە مەسئۇلىيەت دۇنياغا مۇنۇلارنى ئېيتتى: بىز جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، ئىشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشتى ۋە ئىقتىدارىمىز بار بولدى؛ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى چوقۇم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى سىزىپ بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر