باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چى يۈ: 19- قۇرۇلتىيىدا ۋەكىللەرنىڭ تەكشۈرۈلۈشى قاتتىق بولدى

ۋەكىل بولۇشقا مۇۋاپىق بولمىغانلاردىن يەتتىسى ئېلىپ تاشلاندى

2017.10.19 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، «پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش» تېمىسىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى بېيجىڭ مېيدىيا مەركىزىدە ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چى يۈ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  چى يۈ 19- قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ ئاخىرقى سانىدا نېمە ئۈچۈن ئۆزگىرىش بولغانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرلارغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ۋەكىللەرنىڭ سىياسىي ئۆتكىلى ۋە پاكلىق ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇشنى ئالاھىدە تەكىتلەپ كەلدى. شۇڭا، ۋەكىللەرنىڭ ئىلغارلىقى ۋە كەڭ كۆلەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلىغاندا، مەركەزنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەشكىلىي رەھبەرلىكى ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قاتلاممۇ-قاتلام قاتتىق تەكشۈرۈپ، سىياسىيلىكى، پاكلىقى ۋە ئىستىلى قاتارلىق جەھەتلەردىن نامزاتلارنى قاتتىق تەكشۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلدى.

  چى يۈ تونۇشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى: 19- قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىللىرى سايلاپ چىقىلغاندىن كېيىن، يەنىلا قاتتىق بولۇش تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىدىن سايلانغان ۋەكىللەرنى ئەستايىدىل تەكشۈردى، ئومۇمەن ئەرزىيەت يىپ ئۇچى پاش قىلىنغان ياكى مەسىلە بايغالغانلارنىڭ ھەممىسى ئەستايىدىل تەكشۈرۈلدى، ۋەكىللەرنىڭ شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلارغا پارتىيە ئىچىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە قەتئىي تۈردە تەڭشەش ئېلىپ بېرىلدى. مەسىلەن، سۈن جېڭسەي قاتارلىق 27 كىشى، ئۇلاردا ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت بولغاچقا، مەركەزنىڭ تەستىقى بىلەن، ئۇلار 19- قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىلى بولۇش سالاھىتىدىن ئېلىپ تاشلاندى. چۇڭچىڭ شەھىرىدە ۋەكىللەرنىڭ بوش قالغان ئورنى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، مەركەزنىڭ تەلىپى ۋە بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە، ۋاقتىدا پارتىيە ۋەكىللىرى يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن 14 نەپەرۋەكىلنى تولۇقلاپ سايلىدى. 9- ئاينىڭ 29- كۈنى، مەركەزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئېلان قىلىنغان ۋەكىللەر ئىسىملىكىدە جەمئىي 2287 كىشى بار ئىدى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يەنە يەتتە كىشىدە ۋەكىل بولۇشقا مۇۋاپىق كەلمەسلىك مەسىلىسى مەۋجۇت ئىكەنلىكى بايغالغان بولۇپ، مەركەزنىڭ تەستىقى بىلەن، ئۇلارنىڭ ۋەكىل بولۇش سالاھىتى ئېلىپ تاشلاندى. بۇ يەتتە كىشىنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئېلىپ تاشلانغان. 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشى نەتىجىسىدە، 2280 نەپەر ۋەكىلنىڭ سالاھىيىتى كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلدى. مۇنداق قىلىشتا، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە بولغان يۇقىرى ئۆلچەم ۋە قاتتىق تەلەپنى كۆرسىتىش مەقسەت قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پارتىيەمىزنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىمۇ نامايان قىلىندى.

  يولداش چى يۈنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  چى يۈ، ئەر، خەنزۇ، 1961- يىلى تۇغۇلغان، خىزمەتتە تۇرۇپ ئاسپىرانت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. 1982- يىلى جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن. غەربىي شىمال سىياسىي قانۇن ئىنستىتۇتى پەلسەپە كەسپىدە ئوقۇغان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى تەربىيەلەش بۆلۈمىنىڭ ئۈچ يىللىق تۈزۈمدىكى ئاسپىرانتلىق سىنىپىنى پۈتتۈرگەن. يولداش چى يۈ ئۇزاق مۇددەت تەشكىل تارمىقىدا خىزمەت قىلغان، مەركىزىي تەشكىلات بۆلۈمى پارتىيە قورۇلۇشى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، جىلىن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇ، پارتىيەنىڭ قۇرۇلۇش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنى پىششىق بىلىدۇ، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئىختىساسلىقلار خىزمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان. ھازىر ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر