باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>19- قۇرۇلتاي - بارلىق خەۋەرلەر

چەتئەل رەھبەرلىرى، سىياسىي پارتىيەلەر ۋە تەشكىلاتلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2017.10.19 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلىۋاتقان پەيتتە، بەزى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، پارتىيەلەر ۋە تەشكىلاتلار بەس-بەستە تېلېگرامما يوللاپ ياكى خەت ئەۋەتىپ،بۇ قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

  قازاقىستان «ۋەتەن نۇرى» خەلق دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭ نەزەربايوف تەبرىك خېتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولاي دېگەن پارتىيەنىڭ ئۆز كۈرەش نىشانىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى، دوستانەھاالدا جۇڭگو تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى تىلىدى. ئۇ تەبرىك خېتىدە يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگونىڭ رەھبەرلىك كۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەتنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرۇش، جەمئىيەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ بەختىنى يارىتىش ۋە مەنپەئەتىنى ئاسىراش ئۈچۈن داۋاملىق تۈردە غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشقۇسى.

  تانزانىيە ئىنقىلاب پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭى ماركۇفۇلى تەبرىك خېتىدە باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنى ئەڭ قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن جۇڭگو خەلقى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىشپ، جاسارەت بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىگە ئۆز ھۆرمىتىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېيىلگەن: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتايىن يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە ئىكەن، ئۇنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ئاجايىپ يۇقىرى ئىكەن، شۇڭا، بۇ پارتىيە جۇڭگونى يېتەكلەپ، ھەر قايسى ساھەلەردە ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 19- قۇرۇلتاي روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بۇنىڭدىن كېيىن يەنە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، دۆلەتنى تېخىمۇ زور تەرەققىي قىلدۇرغۇسى.

  سۇدان مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭ بەشىر تەبرىك خېتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا رەھمىتىنى بىلدۈردى. تەبرىك خېتىدە يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۈتۈۋېلىپ، تېخىمۇ چوڭقۇر بولغان يېڭى بىر باسقۇچقا كىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ج ك پ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى تىلەيمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر