باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇخبىرلار خاتىرىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى ئوچۇق دەرسى»

2017.10.19 13:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن، پاكىستان مۇخبىرى مۇھەممەد سامىر بېيجىڭنىڭ دىپلوماتىيە ياتىقىدىكى ئۆزىنىڭ ۋاقىتلىق تۇرۇشلۇق جايىغا ئالدىراپ قايتتى. ئۇ تەپەككۇر قىزغىنلىقى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- قۇرۇلتىيىنىڭ 30 مىڭ خەتلىك دوكلاتىنى تېزدىن خەۋەر قىلىپ يېزىپ چىقىپ، پاكىستان دۆلەت ئىچىدىكى ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزۈپ بەرمەكچى بولدى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. يىغىن دوكلاتى ھەرقايسى چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خەۋەرلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ قالدى.

  بىر پارچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نەتىجىسى، يېڭى دەۋرنىڭ بىر پارچە ئىدىيە-فاڭجېنى، نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بىر پارچە سىخېمىسى... مەزمۇنى بۇنچە مول بولغان ئاخبارات كېنىغا قارىتا، بەزى مۇخبىرلار جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى رەتلىدى، بەزىلەر ئىسلاھات يۆنىلىشى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى، يەنە بەزى مۇخبىرلار دىپلوماتىيە سىياسىتىنى چۈشەندى … ئوخشىمىغان دۆلەت مۇخبىرلىرى ئوخشاش بولمىغان قېزىش ۋە چۈشەندۈرۈش ئېلىپ باردى.

  سامىر: «بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ‹دەرىجىدىن تاشقىرى ئوچۇق دەرسى›»، دېدى. پاكىستاننىڭ بۇ مۇخبىرى باشقا يول بىلەن ئوخشاش بولمىغان كۆزىتىش نۇقتىسىنى تاپتى، يەنى بۇ دوكلاتتا ئۇ پاكىستاننىڭ تەرەققىيات مەسىلىسىنى ھەل قىلىش پىكىر يولىنى تاپقاندەك بولدى.

  سامىر: «پاكىستاندا تۆت چوڭ ئۆلكە بار، ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى تەكشى ئەمەس، دوكلاتتا غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، بېيجىڭ- تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق رايونلارنى ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتىگىيەسى تىلغا ئېلىندى، بۇ بەك مۇھىم تەرەققىيات پىكىر يولى، بۇ خىل تەڭپۇڭ تەرەققىيات كەينىدە بىر خىل تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئىدىيەسى بار»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر