باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قەلب كۈچىنى مۇجەسسەملەيلى

بەش يىللىق ئىسلاھات تارىخنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىنى بېكىتتى (5)

2017.10.13 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە. جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىلنى ئەسلىسەك، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش ئەڭ مۇھىم كۈچ بولۇپ، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىدىيە جەھەتتە تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىككە كېلىشى كىشىنى ئەڭ خۇشال قىلىدۇ.

  «ماددىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ياخشى قىلىپ، دۆلەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنى ياخشىلىغاندىلا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى غەلىبىلىك ئالغا سىلجىتقىلى بولىدۇ». بۇ بەش يىلدا، چىگىچ ۋە مۇرەككەپ جامائەت پىكرى سورۇنىدا ئاساسىي مېلودىيە تېخىمۇ جاراڭلاپ، ئاكتىپ كۈچ تېخىمۇ كۈچەيدى؛ كۆپ مەنبەلىك، كۆپ خىل ئىجتىمائىي پىكىر ئېقىمى ئالدىدا، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە-مەدەنىيىتى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارشىنى قەلبلەرگە سىڭدۈردى؛ ئالاقە تورىدىن ئىبارەت «ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش مىقدارى» ئالدىدا، ئىستىلنى ياخشىلاپ، كەيپىياتنى توغرىلاش ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، تور بوشلۇقى مۇھىتى ساپلاشتى... مەركەزدىن يەرلىككىچە، تور مۇھىتىدىن كۈندىلىك تۇرمۇشقىچە، پارتىيە ئىچىدىن پارتىيە سىرتىگىچە توغرا كەيپىيات ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، ئەل قەلبى تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئۆملىشىپ ئىش قىلىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىنى مۇجەسسەملىدى.

  تارىخ يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلىگۈچىلەر ۋە ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەرگە مەنسۇپ. بەش يىلدىن بۇيان، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىدە توپلىغان تەجرىبىلەر، يېڭىلىق ياراتقان ئۇسۇللار تارىخنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى قىممەتلىك بايلىقىغا ئايلاندى. كەلگۈسىدە بىز چوقۇم قەتئىي مەدەنىيەت ئىشەنچى ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى يېڭى روھىي ھالەت ۋە كۈرەش قىلىش قىياپىتى ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشقا توختىماي رىغبەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر