- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئاساسى مۇقىم ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك بولدى
كىرىم ۋە پايدىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بەش يىلدىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا ئەڭ يۇقىرى بولدى
2017.10.13 14:18 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى تەرىپىدىن 12- چېسلا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ كىرىمى ۋە پايدىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 2012- يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى سەۋىيەنى ياراتتى. نەتىجىدە، ئۇنىڭ ئومۇمىي تىجارەت كىرىمى 19 تىرىليون 100 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.4 ئاشتى؛ پايدىسىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى بىر تىرىليون 110 مىليارد 480 مىليون يۈەنگە يېتىپ، شۇ مەزگىلدىكىدىن %18.4 ئاشتى. نەتىجىدە، ئۇنىڭ ئۈنۈمىدە تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيە يارىتىلدى. 3- پەسىلدە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئايمۇئاي تېزلىشىپ، ئۇلارنىڭ ياخشىلىنىش يۈزلىنىشى تېخىمۇ روشەن بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر