- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئالدىنقى سەككىز ئايدا مۇلازىمەتنى ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىشنىڭ ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.8 ئاشتى
2017.10.13 14:19 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مۇلازىمەت سودا مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 1- ئايدىن 8- ئايغىچە، ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەتنى ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىشنىڭ ئومۇمىي سوممىسى ئۈچ تىرىليون 56 مىليارد 190 مىليون يۈەن خەلق پۇلىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.8 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت سوممىسى 926 مىليارد 690 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %4.4 ئاشتى؛ ئىمپورت سوممىسى ئىككى تىرىليون 129 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %12.2 ئاشتى؛ تەتۈر پەرق بىر تىرىليون 202 مىليارد 810 مىليون يۈەنگە يەتتى.
سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مۇلازىمەت سودا مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 1- ئايدىن 8- ئايغىچە، يېڭىدىن گۈللەنگەن مۇلازىمەت ساھەلىرىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورتلىرى داۋاملىق ھالدا تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، 927 مىليارد 50 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %10.6 ئاشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر