باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى

دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىسلاھات داۋامىدا كۈچەيتىش، ياخشىلاش، زورايتىش كېرەك

2017.09.11 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: C919 چوڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇچتى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئاۋىياماتكا ئوڭۇشلۇق سۇغا چۈشتى، «گۈللەنمە» ناملىق دىنامىكىلىق پويىز گۇرۇپپىسى كۆڭۈلدىكىدەك يولغا چىقتى.... يېقىنقى بىر مەزگىلدە تۈرلۈك «دۆلەتنىڭ مۇھىم قوراللىرى» ئوتتۇرىغا چىقىپ، مەملىكىتىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، دۇنيانىڭ نەزىرىنى تارتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ «دۆلەت كارخانىلىرى ياسىغان» دېگەن بىر ئورتاق بەلگىسى بار.

  دۆلەت كارخانىلىرى ياسىمىچىلىقىنىڭ يارقىن نۇقتىلىرى گەۋدىلىنىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولۇشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىسلاھاتتىن كەلگەن. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت تەرەققىيات ئومۇملۇقى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى تارىخىي شارائىتتىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىدا نېمىشقا ئىسلاھ قىلىش، نېمىنى ئىسلاھ قىلىش، قانداق ئىسلاھ قىلىش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە سىستېمىلىق جاۋاب بېرىپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تۈپ قوللانمىغا ئىگە قىلدى. بەش يىلدىن بۇيان، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، تېز سۈرئەتتە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى تەرەققىياتىنىڭ تۈرتگۈچىسىگە ئايلاندى.

  ئىسلاھات ئاخىرلاشمايدۇ، پەقەت داۋاملىشىدۇ. يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەنىڭ تاماملىشىغا ئەگىشىپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ھازىر «قۇرۇلۇشنىڭ يۇقىرى پەللىسى»، «يىلتىز تارتقۇزۇش مەزگىلى»گە كىردى. تېخىمۇ زور ئىرادە، جاسارەت ۋە ئەقىل-پاراسەت بىلەن ھۇجۇمغا ئاتلىنىپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىسلاھات داۋامىدا كۈچەيتىش، ياخشىلاش، زورايتىش كېرەك.

  دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىسلاھات داۋامىدا كۈچەيتىش، ياخشىلاش، زورايتىشتا ئالدى بىلەن يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، توغرا ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ مۇھىم ماددىي ئاساسى ۋە سىياسىي ئاساسى بولۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەش، پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. دۆلەت كارخانىلىرىنى جايىدا باشقۇرۇش، چوقۇم ياخشى باشقۇرۇش، شۇنداقلا كۈچەيتىش، ياخشىلاش، زورايتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش-دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ يوقىتىش، دۆلەت ئىگىلىكىنى ئازايتىش، دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى تۈگىتىش بولماستىن، بەلكى ئىسلاھاتقا تايىنىپ چېنىقىپ ۋە قۇدرەت تېپىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى مەردانىلىك بىلەن كۈچەيتىش، ياخشىلاش، زورايتىشتىن ئىبارەت. بۇ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ يادرولۇق نىشانى ۋە تۈپ مەقسىتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر