باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

سەھىپە نامى: جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل

سۈرئەتنى تېزلىتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىپ، كۈچلۈك ئالاقە تورى دۆلىتى قۇرۇشقا كۈچ قوشايلى

2017.07.18 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «خەيكودىكى ساۋاقداشلار بىلەن بىرگە مۇزىكا دەرسى ئاڭلىيالايدىغان بولدۇق!» 6-ئاينىڭ 19-كۈنى خەينەن بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ دېڭىز ھالقىغان ئوپتىك تالا مەخسۇس لىنىيەسى يىراقتىن توردا ئوقۇتۇش سىستېمىسىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، ۋەتەننىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى سەنشا شەھەرلىك «يۇڭشىڭ» مەكتىپىدىكى 32 ئوقۇغۇچى تېلېۋىزور ئېكرانى ئارقىلىق 800 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خەيكو شەھەرلىك 9-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بىلەن دەرسخانىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، خەينەننىڭ سەنشا شەھىرىدىن شىمالدىكى موخې ناھىيەسىگىچە، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ لىياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جاۋجۆ ناھىيەسىدىكى «تىك قىيا كەنتى»دىن «ئېگىزلىكتىكى يېگانە ئارال» دېگەن نامى بار موتو ناھىيەسىگىچە ئوپتىك تالالىق كەڭ بەلباغ ۋە 4G كۆچمە تورى ئومۇملىشىپ، سۈرئەتنى تېزلىتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مىليونلىغان ئائىلىلەرگە نەپ يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەنە «ئالاقە تورى +»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە كۈچ قوشۇپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ پارتلاش خاراكتېرلىك ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۈچلۈك ئالاقە تورى دۆلىتى قۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى.

  كۈچلۈك ئالاقە تورى دۆلىتى قۇرۇش -- يىراقنى كۆزلىگەن ئاساستا چىقىرىلغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر.

  ئېلىمىز دۇنيا بويىچە ئوپتىك تالالىق كەڭ بەلباغ بىلەن قاپلىنىشى ئەڭ كەڭ، 4G كۆچمە تور كۆلىمى ئەڭ چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى.

  بازار تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ 1-پەسىلىدە، «خۇاۋېي» «سىسكو»دىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە يادرولۇق روتېر بازىرىنىڭ چېمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇ 2014-يىلى «ئېرىكسسون»دىن ئېشىپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تېلېگراف ئۈسكۈنىسى ياساش شىركىتىگە ئايلانغاندىن كېيىن، بۇ «خۇاۋېي»نىڭ ئالاقە تورى يادرو ئۈسكۈنىلىرى بازىرىدا قولغا كەلتۈرگەن يەنە بىر زور نەتىجىسى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بازىرىدا، بۇ يىل 1-پەسىلدە «خۇاۋېي» 34 مىليون 550 مىڭ يان تېلېفون سېتىپ، جۇڭگودا بىرىنچى، دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان.

  «خۇاۋېي»نىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئېلىمىزنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى كۈچلۈك ئالاقە تورى دۆلىتى قۇرۇشتىكى كۈچلۈك مېلودىيەسىنىڭ بىر قىسمى. «يېڭى دەۋردىكى ئىستراتېگىيەلىك جامائەت ئۇل ئەسلىھەسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەڭ بەلباغلىق تور ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتلەردە تېخىمۇ مۇھىم ئاساسىي تۈۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. دۇنيا بانكىسىنىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، كەڭ بەلباغنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى %10 ئاشسا، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن %1.38 ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى تۈرتكىلىك رولى تېخىمۇ چوڭكەن.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن كەڭ بەلباغنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىگە يۈكسەك ئېتىبار بېرىپ، بەش يىلدىن بۇيان، كۈچلۈك ئالاقە تورى دۆلىتى قۇرۇش، كەڭ بەلباغلىق جۇڭگو، سۈرئەتنى ئاشۇرۇش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، «ئالاقە تورى +» قاتارلىق بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر