باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېشىل تەرەققىياتقا ئىسلاھات ئارقىلىق تۈرتكە بولايلى

«خەلق» گېزىتى ئوبزورچىسى

2017.07.10 17:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يېشىل ياپراق ئاستىغا يۇشۇرۇنغان ئۇلۇغ ئىنقىلاپ. بۇ «جۇڭگو يېزىلىرىدا مەھسۇلاتنى ئائىلىگە ھۆددە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق ئۇلۇغ ئىسلاھات». ۋاقىتنى 2002-يىلىغا سۈرگەن، شۇ چاغلاردا فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان شى جىنپىڭ «ئورمانچلىق ئىسلاھاتىدىكى بىرىنچى ناھىيە» دەپ ئاتالغان ۋۇپىڭ ناھىيەسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، قەتئىيلىك بىلەن «كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى ئىسلاھاتى خۇددى مەھسۇلاتنى ئائىلىگە ھۆددە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىگە ئوخشاش تاغ ئاستىدىن تاغ ئۈستىگە قاراپ بۇرۇلۇشى كېرەك» دېگەن زور قارار چىقاردى. فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرى مەملىكەت بويىچە كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلاپ، يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر داغدام يولنى ئېچىپ بەردى.

  «تاغلىرى ئىگىلىگەن يەتتە ئۈلۈشنى، بىر ئۈلىشى بولسا سۈيى ۋە ئېتىزى، تاشيولى بىلەن قورو-جايى ئىگىلەن يېرىم ئۈلۈشنى». ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان ئالدىنقى 20 نەچچە يىلدا، مەھسۇلاتنى ئائىلىگە كۆتىرىگە بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ «بىر ئۈلۈش» يەرنىڭ غايەت زور يۇشۇرۇن كۈچى قوزغىتىلدى، بۇنىڭ بىلەن نەچچە يۈز مىليون ئادەمنىڭ تويۇش-كېيىش مەسىلىسى شۇنىڭلىق بىلەن ھەل بولدى. ھالبۇكى تېرىلغۇ كۆلىمىدىن بىر ھەسسە كۆپ بولغان ئورمان يېرىنىڭ تېگىشلىك ھاياتىي كۈچى قوزغىتىلمىدى. بۇنىڭدىكى سەۋەپ شۇكى، كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى مەۋھۇم بولۇپ قالدى، ئورمانچىلارنىڭ ئورمان باشقۇرۇشتىكى سوبيېكتلىق ئورنى ئەمەلىيلەشمىدى، ئىگىلىك باشقۇرۇش باشقۇرۇش مېخانىزمى جانلىق بولماي قالدى، نەتىجىدە ئورمانچىلار «ئالتۇننى تۇتۇپ يېتىپ باي بولالمىدى». ئورمان ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت بىر شاھمات ئۇرۇقى ماڭغۇزۇلغاندىن كېيىن، سان-ساناقسىز تاغلار جانلاندى. ئون نەچچە يىللىق پائال ئىزدىنىش ۋە كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىش ئارقىسىدا، فۇجيەننىڭ ئورمان ئىسلاھاتى نۇرغۇن ئىقتىسادىي ئۈنۈم-پايدا ھاسىل قىلىپ، غايەت زور ئېكولوگىيە پايدىسىنى ياراتتى. ئورمان ئىسلاھاتى يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇنقى «باي بولاي دېسەڭ، ئوغۇرلۇقچە ئورمان كەس، بىر كېچىدىلا مىليونېرغا ئايلىنىسەن» دەيدىغان قاراش بار ئىدى؛ ئورمان ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، «تاغلىرىڭنى ئوبدان باق، ئورمانلىرىڭغا چىڭ قارا» دەيدىغان ئاڭلىق ئىش-ھەرىكەت شەكىللەندى. فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ئورمان ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت ئەمەلىيىتى شۇنى چۈشەندۈرۈپ بەردىكى، ئىسلاھات يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچتۇر.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر