باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى دەۋرنىڭ ياشلىق مېلودىيەسىنى ياڭرىتايلى

__ جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى خاتىرىلەش توغرىسىدا

2017.05.04 14:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياشلار جۇشقۇنلۇققا تولغان بولۇپ، ئەتىگەن سائەت سەككىز-توققۇزلاردىكى قۇياشقا ئوخشايدۇ؛ ياشلىق بۈيۈك ئارزۇ-ئارمانلارغا تولغان بولۇپ، جان تىكىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. بۈگۈن «4-ماي» ياشلار بايرىمى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىق خاتىرە كۈنى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىتتىپاق ئەزالىرى، ھەر قايسى مىللەت ياشلار ۋە ياشلار خىزمەتچىلىرىدىن بايراملىق ھال سورايمىز ۋە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەيمىز!

  «4-ماي» ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ياشلارنىڭ ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئىرادىلىك بولۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، جاپاغا چىداپ تاۋلىنىپ، قايناق ھېسسىيات بىلەن كۈرەش قىلىش داۋامىدا ياشلىق نۇرلىرىنى جۇلالاندۇرۇپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئىلگىرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. باش شۇجىنىڭ ھاۋالىسى، ياش ئەۋلادلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئورتاق كۆز قاراش ھاسىل قىلىپ، مىليونلىغان ياشلارغا غايەت زور ئىلھام بەردى.

  98 يىل ئىلگىرى، ئۇلۇغ «4-ماي» ھەرىكىتى چاقماققا ئوخشاش تارىخ ئاسمىنىنى چاقنىتىپ، جۇڭگو ياشلىرى يېڭى ئىجتىمائىي كۈچ سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىگە چىقتى. 1992-يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلدى. 95 يىللىق بوران-چاپقۇنلۇق مۇساپىدە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى باشتىن-ئاخىر پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتىن تەۋرەنمەي، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزالىرى ۋە كەڭ ياشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارت بولۇپ، جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى يېزىپ چىقتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنى ۋە زەربىدار ئەترىتى، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك ياردەمچىسى ۋە ئىشەنچلىك زاپاس قوشۇنى بولۇشقا مۇناسىپ. بۈگۈنكى كۈندە، ۋەتەننى سۆيۈش، تەرەققىيات، دېموكراتىيە، پەننى مەزمۇن قىلغان «4-ماي» روھى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارشى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قېنىغا ئاللىقاچان سىڭىپ كىرىپ، ياشلار ئەڭ ئاكتىپ ۋە ئەڭ جانلىق كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن دەۋرىمىزنىڭ كۆرسەتكۈچىگە ئايلاندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر