باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

21-نۆۋەتلىك «جۇڭگو ياشلار 4-ماي مېدالى» نى سايلاش ۋە 2017-يىللىق «مەملىكەت بويىچە ئالغا باسقان، ياخشىلىققا ئىنتىلگەن ياخشى ياش» نى كۆرسىتىش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

2017.05.04 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-نۆۋەتلىك «جۇڭگو ياشلار 4-ماي مېدالى» شەرىپىگە ئېرىشكەنلەر: داليەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پىروفېسسورى ۋاڭ جېڭشيۇڭ (مانجۇ)، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ قىرغىز باش ۋەكىلى مۇساجان مەكلەك (قىرغىز)، خەلق ئاۋىياتسىيەسى سەنيا ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش پونكىتى باشقۇرۇش ھەرىكەت بۆلۈمى يېقىنلىشىش-يەرگە قونۇشنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شى يەنسۇڭ (موڭغۇل)، سىچۈەن ئۆلكىسى دەنبا ناھىيەسى بادى بازىرى جياسىگۈەن چارۋىچىلىق كەنت ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لۇڭ تا (زاڭزۇ)، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى چېنبارخۇ قوشۇنى بايىنقادا چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى دارىنتاي، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىم 8661-قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مەسلىھەتچىسى چېڭ لىن، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 93534-قىسىم 76-تارماق ئەترىتىنىڭ كەسپىي كادىرى ليۇ ۋېيشيۇ، خۇبېي ئالەم بوشلۇقى تېخنىكا تەتقىقات يۇرتى ئومۇمىي لايىھەلەش ئورنى تېز كېمە توشۇغۇچى راكېتانىڭ مۇئاۋىن باش لايىھەلىگۈچىسى ليۇ شياۋلېي، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ئەندو ناھىيەلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سىۋاڭ جوما (ئايال زاڭزۇ)، جياڭشى پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتى خەلقئارا ئىقتىساد ۋە سودا كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مىرادىل مەمەتئابلا (ئۇيغۇر)، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى سۇچىلىق، سۇ ئېلېكتىر پىلانلاش-لايىھەلەش باش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى لى يۈنلىڭ (ئايال، مانجۇ)، خۇنەن ئۆلكىسى شياڭتەن شەھىرى ياشلار ئىگىلىك تىكلەش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ خۇەيباۋ، دېڭىز ئارمىيە قۇرۇلۇش ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلېكتىر قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى پاراخوت ئۇنىۋېرسال ئېلېكتىر تېخنىكىسى دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكىسى نۇقتىلىق تەجرىبەخانىسىنىڭ پىروفېسسورى شياۋ فېي، خۇبېي ئۆلكىسى ئېجۇ شەھىرى خۇارۇڭ رايونى خۇڭليەنخۇ 1-باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مىن نەنفېي (ئايال)، ئەنخۇي ئۆلكىسى بېڭبۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى تارماق ئەترىتى 1-ئەترىىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى جاڭ جيې، جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مىكرو ئۆلچەم دۆلەت تەجرىبەخانىسىنىڭ پىروفېسسورى لۇ چاۋياڭ، چىڭداۋ ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھىنىڭ ئاپتوبۇس خادىمى چېن لېلې (ئايال)، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى لۇچۈەن ناھىيەسى ۋۇشى بازىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، لۇخې كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لياڭ لىنا (ئايال)، جياڭشى ئۆلكىسى گۇيشى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېڭ يۇڭلىن، ئاۋسترالىيە دۆلەت ئالىي مەكتىپى ئاسىيا-تىنچ كيان ئىنستىتۇتى دىپلوماتىيە فاكۇلتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى لېي شىيىڭ (شېزۇ).

  «جۇڭگو ياشلار 4-ماي مېدالى كوللاكتىپى»غا ئېرىشكەنلەر: ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئېجىنا قوشۇنى سۈەنجىڭزى جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسى، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى يەر يۈزى ھۇجۇمى تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئۇرۇش ئايروپىلانى سۇپا تەكشۈرۈش تۈرى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كوللېكتىپى، جۇڭگونىڭ 4-تۈركۈمدىكى لىۋىيەنىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ساقچىلىرى زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەترىتى، جۇڭگو دېڭىز ساقچىسى 46101 پاراخوتى، جۇڭگو قۇرۇلۇش فىزىكىسى تەتقىقات ئورنى شېنگۇاڭ 111 باش ئاپپاراتى قۇرۇلمىسى ئومۇمىي توپلاشتۇرۇلغان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كوللېكتىپى، شىزاڭ ئالى رايونى رىتۇ ناھىيەسى چۈەنشۈيخۇ 1-دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى تارماق ئەترىتى ئالاھىدە جەڭ قىلىش چوڭ ئەترىتى ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 66188-قىسىم 63-تارماق ئەترىتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر