باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش بىلەن تۇغۇت دەم ئېلىشى ئۇزاردى

2017.05.04 14:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ «نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى»نى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، مەملىكەت بويىچە 29 ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، شەھەر) ئۆز يېرىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزدى. «ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك مۇھاپىزىتى ئالاھىدە بەلگىلىمىسى»دىكى 98 كۈنلۈك تۇغۇت دەم ئېلىشى ئاساسىدا، جايلار تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى نىزامغا تۇغۇت مۇكاپات دەم ئېلىشى ياكى تۇغۇت دەم ئېلىشىنى ئۇزارتىشنى قوشۇپ، تۇغۇت دەم ئېلىشى 138 كۈندىن 158 كۈنگىچە ئۇزارتىلدى ۋە ئەر تەرەپنىڭ قاراش دەم ئېلىشى 15 كۈندىن 30 كۈنگىچە بولدى.

  «ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك مۇھاپىزىتى ئالاھىدە بەلگىلىمىسى»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەزكۇر بەلگىلىمىدىكى تۇغۇت دەم ئېلىشى ئەمەلىيلەشمىسە، ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر قانۇن بويىچە ئەرز-شىكايەت، پاش قىلسا بولىدۇ، قانۇن بويىچە ئەمگەك كادىرلار تالاش-تارتىشى مۇرەسسە كېسىم ئاپپاراتىغا مۇرەسسە قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، كېسىم قارارىغا قايىل بولمىغانلار قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر