باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى: ھەقىقىي ئۆگىنىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش كېرەك

____-«ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش، تەربىيەسى پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا

2017.04.17 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش، تەربىيەسى ئىدىيە جەھەتتە پارتىيە قۇرۇش، تەشكىلىي جەھەتتە پارتىيە قۇرۇش، تۈزۈم ئارقىلىق پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچلۈك تۇتقا، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتىكى ئۇل قۇرۇلۇش بولۇپ، قەتئىي بوشاشماي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. يېقىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليۇرۇق بېرىپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش، تەربىيەسى دائىمىيلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ، رىئايە قىلىدىغان ئاساسىي قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  دائىمىيلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:«ئاساس ئۆگىنىشتە، مۇھىم ھالقا ئىشلەشتە»، بۇ تۈپ تەلەپ. «ئۆگىنىش» ئارقىلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىشتە، سىجىل ئۆگىنىش، چوڭقۇر ئۆگىنىشكە كۈچەپ، پارتىيە نىزامى، پارتىيە قائىدىلىرىنى ئۆگىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنى ئۆگىنىشنى دائىملىق تەربىيەنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى قىلىپ، بىردەك ئۆگىنىش، بىردەك ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ نىزامى، پارتىيە قائىدىلىرىنى ئۆگىنىشتە، دائىم ئوقۇپ تۇرۇش، دائىم ئۆگىنىش، دائىم پىكىر يۈرگۈزۈش، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىشنى ئىسىدە چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك ۋە پاك- تەلەپچان بولۇش قاتارلىق تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى كۈچەيتىپ، پارتىيە نىزامىغا ھۆرمەت قىلىش، پارتىيە قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنى ئۆگىنىپ، ئەسلى ئەسەردە چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي تىكىستىنى ئۆگىنىپ، پىرىنسپىنى چۈشىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ ئاساسىي روھى، تۈپ مەزمۇنى، تۈپ تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، بۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستىراتېگىيەسىنى ياخشى ئىگىلەپ، بۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن ماركىسىزىملىق پوزىتسىيە قارىشى، ئۇسۇلىنى ياخشى ئىگىلەپ، شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىدىن پايدىلىنىپ ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. ئىدىيە جەھەتتە پارتىيە قۇرۇپ تىنچ سۇ، چوڭقۇر ئېقىننى ئۇلغايتىدىغان كۈچنى ئۇرغۇتقاندىلا، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش، تەربىيەسىنى دائىمىيلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى پۇختا سىياسىي، مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

  «ئىشلەش»ئارقىلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ كېڭەيتىشتە، پارتىيە ئەزالىرىنى ئۆگىنىش، ئىشلەش ئارقىلىق ئۆزئارا ئىلگىرىلەش، بىلىش، قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئۆزىنىڭ ئىدىيەۋى ۋە خىزمەتلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئىشنى كونكىرت مەسىلىنى تۈزىتىش، كونكىرت ئىشلاردىن باشلاش كېرەك. سىياسىي جەھەتتە لاياقەتلىك بولۇش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش جەھەتتە لاياقەتلىك بولۇش، ئەخلاق –پەزىلەت جەھەتتە لاياقەتلىك بولۇش، رولىنى جارى قىلدۇرۇش جەھەتتە لاياقەتلىك بولۇش قۇرۇش ئەمەس، بەلكى كونكىرت، ئەمەلىي بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئومۇمىي تەلىپى. بارلىق پارتىيە ئەزالىرى«تۆتتە لاياقەتلىك بولۇش»نى پايدىلانما قىلىپ، دائىم ئۆزىنى بىلىپ، ئۆزىنى قەدىرلەپ، ئىدىيەسىدىكى چاڭ توزانلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىش، بايقاشنى ساقلاپ تۇرماي، كەينىگە سۆرىمەي، ھەم بىلىپ ھەم تۈزىتىپ، ئېتقاد ئىدىيە، ئىنتىزام قائىدە، ئۆزىنى قەدىرلەش، ئۆزىنى تۇتۇش ۋە مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىش جەھەتتە ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشى كېرەك. مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىش ئۇزاق مەزگىللىك مېخانىزىمىنى ئورنىتىش ئارقىلىق، ئىدىيە مەسىلىسى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى بىردەك ھەل قىلىش ، يېڭى مەسىلە ۋە كونا مەسىلىلەرنى بىردەك ھەل قىلىش، خاس مەسىلە ۋە ئورتاق مەسىلىلەرنى بىردەك ھەل قىلىش، پارتىيە تەشكىلاتى مەسىلىسى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەسىلىسىنى بىردەك ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر