باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ساياھەت

ئىسفاھاندىكى 40 تۈۋرۈكلۈك ئوردا

2016.06.22 15:36         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئوردا ئالدى.

  ئىسفاھان قەدىمكى پارس ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپلا «پارس مەرۋايىتى» دەپ ئاتالغان.

  ئىسفاھاندا 16 - ،17 - ئەسىرلەردە سېلىنغان ئىران ئۇسلۇبىدىكى قۇرۇلۇش - ئىمارەتلەر كۆپ بولۇپ، 40 تۈۋرۈكلۈك ئوردا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقى ھېسابلىنىدۇ. بۇ 40 تۈۋرۈكلۈك ئوردىنىڭ ئەكسىنى ئالدىدىكى تىنچ كۆلچەك سۈيىدىن كۆرگىلى بولىدۇ، 40 تۈۋرۈكلۈك ئوردا دەپ ئاتالغان بىلەن ئەمەلىيەتتە 20 تۈۋرۈكلا بار. بۇ 20 تۈۋرۈكنىڭ شولىسى ئوردا ئالدىدىكى كۆلگە چۈشۈپ تۈۋرۈك سانىنى قوش كۆرسەتكەچكە 40 تۈۋرۈكلۈك ئوردا دەپ ئاتالغان.

  ئوردا ئاساسىي تۈۋرۈكىنىڭ ئېگىزلىكى 6.14 مېتىر بولۇپ، كۆپ قىرلىق ئەينەك بىلەن بېزەلگەن. ئوتتۇرىدىكى يۇمىلاق تۈۋرۈك فونتانلىق كۆلچەكنىڭ تۆت ئەتراپىنى بويلاپ جايلاشقان بولۇپ، ئاستى تەرىپى تۆت شىرنى قاپارتما قىلىپ ئايلاندۇرۇپ ياسالغان. ئوردىدىكى نۇرغۇن زالنىڭ تورۇسى ئالتۇن يالىتىلغان رەسىملەر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، تاملارغا مەنزىرە رەسىملەر ۋە ئوۋ مەيدانى تەسۋىرلەنگەن رەسىملەر سىزىلغان. كىشىلەر ئوردا چوڭ زالىدىكى بېزەك رەسىملەر ئارىسىدىن تارىخ ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت ئاساسىي تېما قىلىنغان رەسىملەرنى كۆرۈپ ھۇزۇر ئالالايدۇ.

  ھازىر چوڭ زال كۆرگەزمە زالى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، بۇ زالغا ساياھەتچىلەر ئۈچۈن تۇرمۇش بۇيۇمى، تەڭگە پۇل ۋە كىتاب - قول يازما قاتارلىق قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تىزىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر