باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت نىڭ باش كاتىپى _ _

ھەر قايسى دۆلەتلەر تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىپ سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى قوللاش كېرەك

2019.04.18 17:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇترېس 15- ئاپرېل مۇنداق دېدى: ب د ت نىڭ 2030- يىللىق سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ بىلەن قوللاشقا توغرا كېلىدۇ.

  گۇتېررېس شۇ كۈنى 2019- يىلى ب د ت ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي كېڭەش تەرەققىيات مەبلەغ توپلاش مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىدا مۇنداق دېدى: سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كەسكىن خىرىس ۋە خەۋپ-خەتەرگە دۇچ كەلمەكتە. بۇ خەۋپ-خەتەرلەر بولسا، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى تەكشى بولماسلىق، قەرز سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەش ۋە دۇنيا سودا سۈركىلىشىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەر يىلى ساقلىقنى ساقلاش، مائارىپ، قاتناش يوللىرى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، سۇ ئىشلىتىش ۋە سەھىيە ئەسلىھەلىرى قاتارلىق جەھەتلەرگە سالغان مەبلەغلىرى تەخمىنەن 2 تىرىليون 600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

  گۇترېس مۇنداق دەپ قارىدى: خۇسۇسىي تىجارەت تارماقلىرى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە خەير-ساخاۋەت ئاپپاراتلىرى تەرەققىياتقا كېرەكلىك مەبلەغنى تولدۇرالايدۇ؛ سىياسەت رامكىسى خەۋپ-خەتەرنى تۆۋەنلىتىش، پايدىلىق سودا مۇھىتى يارىتىش ۋە جامائەت نىشانىغا مەبلەغ سېلىش قاتارلىقلارغا ئىلھام بېرىشتە ئىنتايىن مۇھىم؛ يېڭى تىپتىكى پۇل مۇئامىلە قوراللىرى، جۈملىدىن يېشىل زايوم ۋە ئاۋامنىڭ غەملىشى قاتارلىقلار مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە تۆھپە قوشالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر