باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

33-نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى سىنگاپوردا ئېچىلدى

2018.11.15 15:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  33-نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى سىنگاپوردا ئېچىلدى. يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ئېلاستىكلىق ۋە يېڭىلىق يارىتىش دېگەن باش تېمىسىدا كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق رامكىسى ئىچىدە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش ۋە ئورتاق گەۋدە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈستىدە ئىزدەندى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بۇ يىللىق نۆۋەتچى رەئىسى سىنگاپورنىڭ زۇڭلىسى لى شيەنلوڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى، سىنگاپور زۇڭلى مەھكىمىسى ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسەن، يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رايونلارنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىشىنى كۈچەيتىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن بىرقاتار ئىلگىرلەشلىرىگە نەزەر سالىدىكەن شۇنداقلا جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋە ئىقتىسادى مۇھىتتا ئۆزگىرىش بولغان ئارقا كۆرۈنۈشتە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىياتىغا قانداق تۈرتكە بولۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر