باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سىنگاپورنىڭ سودا ساھەسىدىكىلەر زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ سۆزىنى قىزغىن مۇنازىرە قىلدى

2018.11.15 15:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىنگاپوردا زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-ئاينىڭ 13-كۈنى سىنگاپور لېكسىيەسىدە« ئېچىۋېتىش، راۋانلاشتۇرۇش جەريانىدا ئورتاق گۈللىنەيلى، ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنەيلى» تېمىسىدا باش مەقسەتلىك نۇتۇق سۆزلىدى، نۇتۇقنى ئاڭلىغان سىنگاپورنىڭ سودا ساھەسىدىكى ئەربابلار قىزغىن مۇنازىرە قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو ئېلىپ كەلگەن تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  جۇڭگو بىلەن بولغان سودىنى راۋانلاشتۇرۇش تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى لى يىشيەن نۇتۇقنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دەپ قارىدى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ نۇتۇقىدا جۇڭگونىڭ سودىگەرلەرنى قەدىرلەيدىغان ئىنتايىن ئەمەلىيەتچىل پوزىتسىيەسى نامايەن بولدى، جۇڭگونىڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ بازار كۆلىمى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، سىنگاپور ئۇنىڭ ئىستىقبالىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ.

  سىنگاپور شىڭجەن بانكىسى كاپىتال بازىرى بۆلۈمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن لىدىرى شۈ ۋېنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىنگاپورنىڭ كارخانا ساھەسىدىكى ناھايىتى كۆپ ئەربابلار خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىنى ئىشلىتەلەيدۇ، بۇ ئۈستۈنلۈك ئۇلارنىڭ جۇڭگودا كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ناھايىتى پايدىلىق.

  لى پاي كونتروللۇق خۇسۇسى چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى لى چاڭدا مۇنداق دەپ قارىدى:جۇڭگونىڭ ئىشىكىنى داۋاملىق ئېچىۋېتىشى سىنگاپور كارخانىلىرىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ، سىنگاپور كارخانىلىرى بۇ پۇرسەتنى تۇتىمەن دەيدىكەن ئالدى بىلەن جۇڭگودىن ئۆگىنىپ، كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلىشى كېرەك.

  بۇ قېتىمقى سىنگاپور لېكسىيەسىنى يۈسۈف ئەيسا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا تەتقىقات ئورنى ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭگو بىلەن بولغان سودىنى راۋانلاشتۇرۇش تەشكىلاتى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگەن، سىنگاپورنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكى ۋەكىللەر ۋە چەتئەللەرنىڭ سىنگاپوردا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 500دىن ئارتۇق كىشى زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ نۇتۇقىنى ئاڭلىدى ۋە قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر