- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
كانادا زۇڭلىسى «خاشۇقجى دېلوسىدىكى ئۈن»نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلىدى
2018.11.15 15:03 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
كانادا زۇڭلىسى جاستىن ترۇدو 11-ئاينىڭ 12-كۈنى: كانادا ئاخبارات خادىملىرى سەئۇدى ئەرەبىستانى مۇخبىرى جامال خاشۇقجى قەستكە ئۇچراش دېلوسىدىكى ئۈننى ئاڭلىدى، دېدى. تىرۇدو «خاشۇقجى دېلوسىدىكى ئۈن»نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلىغان تۇنجى غەرب رەھبىرى. فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ژان ئىۋېس دىرىيان شۇ كۈنى تۈركىيەدىن ئۈن تاپشۇرۇۋالمىدۇق، دېدى، ئەمما تۈركىيەنىڭ رەددىيەسىگە ئۇچرىدى. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ كانادا خەۋپسىزلىك ئاخبارات ئىدارىسى قايتۇرغان ئېلخەتنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، تىرۇدو خەۋپسىزلىك ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى داۋىد ۋىگنولتنى تۈركىيەگە بېرىپ، جامال خاشۇقجى قەستكە ئۇچراش دېلوسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا ئەۋەتكەن، داۋىد ۋىگنولت «خاشۇقجى دېلوسىدىكى ئۈن»نى ئاڭلىغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر