باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جاڭ ۋېنشيۇ ئاياللارنىڭ زەنجىر توپ تۈرىدە كۈمۈش مېدالنى قولغا كەلتۈردى

2016.08.17 08:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رىئودى ژانىيرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 10-كۈنىدە 17 ئالتۇن مېدال ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. جۇڭگو ماھىرى يېنىك ئاتلېتىكا، گىمناستىكا، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش، تىك تاك توپ، سۇ توپ قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ھەممىسىدە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتتى.

  ئاياغلاشقان مۇسابىقە تۈرلىرىدە، داليەنلىك قىز جاڭ ۋېنشيۇ 5-قېتىم تاشلىغان 76 مېتىر 75 لىك نەتىجە بىلەن ئاياللارنىڭ زەنجىر توپ مۇسابىقە تۈرىدە كۈمۈش مېدالنى قولغا كەلتۈردى. پولشا ماھىرى ۋودەرزېك 82 مېتىر 29 لىق نەتىجە بىلەن دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. جاڭ ۋېنشيۇ 2007-يىلى ئوساكادا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدىن 2013-يىلى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىغىچە نۇرغۇن مىس مېدالغا ئېرىشتى، رىئودى ژانىيرودا گەرچە ئۇ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما كۈمۈش مېدال ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىر ھالقىش ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاياللارنىڭ ئېچىۋېتىلگەن سۇ ساھىلى مۇسابىقىسىدە جۇڭگو ماھىرى شىن جىننىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە بولدى، ئالدىنقى يېرىم مۇساپىدە 17-ئورۇندا تۇرغان شىن جىن كېيىنكى مۇساپىدە ئىپادىسى ئالاھىدە بولۇپ، ئاخىرى 1 سائەت 57 مىنۇت 14 سېكۇنت 4 دەقىقىلىك نەتىجە بىلەن 4- بولدى. بۇ جۇڭگو ماھىرلىرىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىكى مەزكۇر تۈردە قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ ياخشى نەتىجىسى.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئەرلەرنىڭ 105 كىلوگراملىقلارنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تۈرىدە مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلماقتا. پالۋان ياڭ جې نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان ئەرلەرنىڭ ئېغىر دەرىجىلىكلەر ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تۈرىگە قاتنىشىپ كېلىۋاتقان تۇنجى ماھىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالتۇن مېدال ئېلىشقا جاڭ ئېلان قىلماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر