باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران پارلامېنتى بىلەن مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشى سايلىمىغا ئاۋاز بېرىش ئاخىرلاشتى

2016.02.29 14:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنتى ۋە مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشى سايلىمىغا ئاۋاز بېرىش شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 26- فېۋرال سائەت 23 دە ئاخىرلاشتى.

  شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8 دە، ئىراننىڭ ئالى رەھبىرى ھامىينى بىلەت تاشلىدى، بۇ ئاۋاز بېرىشنىڭ باشلانغانلىقىنى كۆرسەتتى. سايلام ئەسلىدە سائەت 18 دە ئاخىرلىشاتتى، بىراق ئاۋاز بېرىشكە قاتناشقانلار مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئاۋاز بېرىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋاقتى بەش قېتىم ئۆزگەرتىلدى. ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ قېتىمقى سايلامغا ئاۋاز بېرىش نىسبىتى %70 دىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىگەن ئىدى.

  ئىران زۇڭتۇڭى روخانى مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى سىياسىي ئىشلارغا بىر قەدەر يۈكسەك دەرىجىدە قاتنىشىش نىسبىتى ئىران خەلقىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان ئۈمىدى ۋە ئىشەنچىسىنى كۆرسەتتى.

  ئىران سايلام كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇچىنى دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سايلام ئوڭۇشلۇق ئىلىپ بېرىلدى، بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى يۈز بەرمىدى. بۇ قېتىمقى پارلامېنت سايلىمىدا جەمئىي 6 مىڭ229 رەسمىي نامزات 290 ئورۇننى تالاشتى. مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشى سايلىمىدا جەمئىي 166 كىشى 88 ئورۇننى تالاشتى. سايلام نەتىجىسى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر