- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى: 97 ئۆكتىچى قوراللىق كۈچ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوبۇل قىلىشىغا قوشۇلدى
2016.02.29 14:10 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
باش ئىشتابى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىياددا تەسىس قىلىنغان سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەت كومىتېتى 26- فېۋرال، سۇرىيەدىكى 97 ئۆكتىچى گۇرۇھنىڭ ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ھاسىل قىلغان سۇرىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوبۇل قىلىشقا قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.
باياناتتا شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش نامى بىلەن ئۆكتىچىلەر بىلەن دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرماسلىقى ئاگاھلاندۇرۇلدى.
سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش 2011- يىلى 3-ئايدا پارتلىغاندىن بۇيان، كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى ئارقىسىدا بەش يىلغا يېقىن ۋاقىت داۋاملاشتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىدىن ئايان بولۇشىچە، بەش يىل داۋاملاشقان ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا سۇرىيەدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 250 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن، يارىدار بولغانلارنىڭ سانى 1 مىليوندىن كۆپرەككە يەتكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر