- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئامېرىكا ئىسرائىلىيە جاسۇسىنى كېپىللىككە قويۇپ بېرىشنى ئىران يادرو كىلىشىمى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دىدى
2015.07.29 16:09 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسرائىلىيە ئۈچۈن ئاخبارات ئىگىلەپ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ سابىق ئاخبارات خادىمى جوناسىن پوللاردنىڭ ئادوۋكاتى شۇ يەر ۋاقتى 28-ئىيۇل مۇنداق دېدى : ئامېرىكا كېپىللىككە قويۇپ بېرىش كومىتېتى جوناسىن پوللاردنى بۇيىل 11-ئاينىڭ 21-كۈنى كېپىللىككە قويۇپ بېرىشنى ھۆكۈم قىلدى.
ئادوۋكات باياناتىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئامېرىكا كېپىللىككە قويۇپ بېرىش كومىتېتىنىڭ ئۈچ ئەزاسى پوللاردنى كېپىللىككە قويۇپ بېرىشكە بىردەك قوشۇلغان بولۇپ ، بۇ قارار ئىران يادرو كىلىشىمى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەن. باياناتتا يەنە مۇنۇلار دىيىلدى : پوللاردنىڭ كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىش شەرتى بولسا كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەندىن كىيىن يەنىلا ئامېرىكىدا بەش يىل تۇرۇش كېرەك . (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر