باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«تارىختىكى ئەڭ مەرت خوجايىن» شىركىتىنى سېتىپ، ھەربىر خىزمەتچىسىگە بىر يېرىم مىليون يۈەن دارامەت تەقسىم قىلدى

2015.07.31 18:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) تۈركىيەدىكى بىر باي يېقىندا شىركىتىنى سېتىپ، 100دىن ئارتۇق خىزمەتچىسىگە مەردلىك بىلەن پۇل تارقاتقان، ھەربىر كىشى ئوتتۇرىچە 240 مىڭ دوللار دارامەتكە ئېرىشكەن. بۇ خوجايىنمۇ «تارىختىكى ئەڭ مەرد خوجايىن» دەپ تەرىپلەنگەن.

  ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»تورىنىڭ 29-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيەنىڭ توردا تاماق زاكاز قىلىش شىركىتىنى Yemeksepti بۇ يىل بەشىنچى ئايدا گېرمانىيەنىڭ ئوخشاش ساھەدىكى «تېز يەتكۈزۈش قەھرىمانى» شىركىتى 589 مىليون دوللارغا سېتىۋالغان بولۇپ، Yemeksepti نىڭ خوجايىنى نېفزات ئەدىن 27 مىليون دوللار چىقىرىپ ئىلگىرى ئۇنىڭ شىركىتىدە ئىشلىگەن 114 خىزمەتچىسىنى مۇكاپاتلىغان. ئەدىننىڭ دېيىشىچە، خەۋەرنىڭ ئاڭلىغاندىن كېيىن، بەزى خىزمەتچىلەر ھاياجاندا ياش تۆككەن، بەزىلەر ئەسەبىيلەرچە ۋارقىراپ كەتكەن. خىزمەتچىلىرىگە پۇل بۆلۈپ بېرىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر بىز مۇۋەپپەقىيەت قازانساق، ئۇ بىزنىڭ بىرلىكتە تىرىشقانلىقىمىزنىڭ نەتىجىسى، مەن بىر ئادەمنىڭ ئەمەس.



  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر