- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
زىيارەت قىلىنغان يېرىمدىن ئارتۇق كىشى خەۋپسىزلىك قانۇنىنى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ دەپ قارىدى
2015.06.23 13:24 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) ياپونىيە ئورتان ئاگېنتلىقى 20-، 21-ئىيۇن ئېلىپ بارغان مەملىكەت بويىچە ئەلرايى تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، %58.7ئاھالە پارلامېنتتا قاراپ چىقىلىۋاتقان قوغدىنىش قانۇن لايىھەسىگە قارشى تۇرغان، بۇ ئالدىنقى ئايدا تەكشۈرۈلگەندىكى ساندىن %11.1ئاشقان. قوغدىنىش قانۇنى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپمۇ يوق؟ %56.7ئاھالە ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ دەپ قارىغان، %29.1ئاھالە خىلاپ ئەمەس دەپ قارىغان. ئەڭ يېڭى ئەلرايى سىناشتا كۆرسىتىلىشىچە، %63.1ئاھالە قوغدىنىش قانۇنىنىڭ پارلامېنتتا ماقۇللىنىشىغا قارشى تۇرغان، بۇ ئالدىنقى قېتىملىق تەكشۈرۈشتىكىدىن %8.0ئاشقان؛ %73.1ئاھالە، قوغدىنىش قانۇنى ماقۇللانغاندىن كېيىن، قوغدىنىش قىسمىنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشى خەۋپى ئاشىدۇ، دەپ قارىغان. ئورتاق ئاگېنتلىقى ئوبزور ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ تۈرلۈك تەكشۈرۈش ياپونىيە خەلقىنىڭ قوغدىنىش قانۇنىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇنلۇقىغا بولغان ئەندىشىسىنى يوقىتالمىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، ئابېي ئىچكى كابېنتىنى قوللاش نىسبىتى ئالدىنقى تەكشۈرۈشتىكىدىن %2.5چۈشكەن، چۈشۈش نىسبىتى %47.4بولغان؛ قوللىماسلىق نىسبىتى ئالدىنقى قېتىملىق تەكشۈرۈشتىكى %38.0تىن %43.0كە ئۆرلىگەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر