باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقى: 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ۋىزا ئىزاھاتى بېرىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، دېدى

2015.06.19 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 18-ئىيۇن تېلېگراممىسى. ج خ مىنىستىرلىكىدىن ئىگىلىنىشچە، تەيۋەنلىك قېرىداشلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق چېگرىسىدىن كىرىش رەسمىيەتلىرىنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ج خ ئورۇنلىرى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ۋىزا ئىزاھاتى بېرىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويىدىكەن، تەيۋەن قېرىنداشلاردا ئىناۋەتلىك تەيۋەن پۇقرالىرىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا بېرىش-كېلىش يول خېتى بولسىلا پورت-ئېغىز ئارقىلىق چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلەلەيدىكەن ھەم تۇرالايدىكەن، يەنە ۋىزا ئىزاھىتى بولۇشنىڭ ھاجىتى يوقكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ج خ ئورۇنلىرى مۇشۇ يىل ئىچىدە «ئېلېكتىرونلۇق يول خېتى» تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ بولىدىكەن.

  يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان «گوۋۇيۈەننىڭ <جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تەيۋەن رايونى ئارىسىدا بېرىپ كېلىشىنى باشقۇرۇش چارىسى> نى تۈزىتىش توغرىسىدىكى قارارى» دا، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىپ كېتىشىگە چېتىلىدىغان ۋىزا ئىزاھاتى بىجىرىش ۋە ۋىزا ئىزاھاتى بېرىشنى باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. بۇنىڭ بىلەن، ج خ ئورۇنلىرىنىڭ چېگرىدىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن ۋاكالەت ئورۇنلىرى، ھاۋالە ئورۇنلىرى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ۋىزا ئىزاھاتى بىجىرمەيدىكەن، پورت-ئېغىزلاردىكى چېگرا تەكشۈرۈش تارماقلىرى ۋىزا ئىزاھاتىنى تەكشۈرمەيدىكەن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ قولىدا ئىناۋەتلىك يول خېتى بولسىلا چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلەلەيدىكەن ھەم چوڭ قۇرۇقلۇقتا تۇرالايدىكەن. تەيۋەن قېرىنداشلارنىڭ يول خېتىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدىكەن، يەنىلا بەش بولىدىكەن.

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر