ج ك پ مەركىزى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 16- ئىيۇندىن 18- ئىيۇنغىچە گۈيجۇدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شى جىنپىڭ 16- ئىيۇن زۈنيى ناھىيە فېڭشياڭ بازىرى خۇاماۋ كەنتىدە دېھقانلار بىلەن پاراڭلاشماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۈيياڭ، 18- ئىيۇن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ گۈيجۇدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىپ، ئىستىراتېگىيەلىك مۇقىم كۈچنى ساقلاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، يۈزلىنىشكە ماسلىشىپ، چەكلمىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ھەمتۈرتكە بولۇپ ماسلاشتۇرۇپ، دېئالىكتىكىلىق تەپەككۈردىن ماھىرلىق پايدىلىنىپ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانلاش كېرەك.
زۈنيى شەھىرى سۈمۇرغ تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى قىزىل ئارمىيە تېغى ئىنقىلابىي قەھرىمانلار قەبرىستانلىقىغا بىر تۈركۈم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى دەپىن قىلىنغان. شى جىنپىڭ 16- ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭدىن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن زۈنيى شىنجۇۋ ئايرودرۇمىغا چۈشۈپ، ئاپتوموبىللىق بۇ يەرگە كېلىپ، قىزىل ئارمىيە ئېنقىلابىي قەھرىمانلار خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك قويۇپ، تازىم قىلىپ ھۆرمەت قىلدى، خاتىرە مۇنارغا ھۆرمەت نەزىرى بىلەن قارىغىنىچە ئاستا ئايلىنىپ مېڭىپ، ئىنقىلابىي قەھرىمانلارغا ھۆرمەت بىلدۈردى.
شى جىنپىڭ 16- ئىيۇن چۈشتىن كېيىن زۈنيى يىغىنى ئېچىلغان ئورۇن ۋە زۈنيى يىغىنى كۆرگەزمىخانىسىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: زۈنيى يىغىنى پارتىيەمىز تارىخىدىكى ئۇلۇغ بۇرۇلۇش ئەھمىيىتىگە ئىگە مۇھىم يىغىن بولۇش سۈپىتى بىلەن ماركىسىزم تۈپ پىرىنسپىنى جۇڭگو كونكىرت ئەمەلىيىتى بىرلەشتۈرۈش، مۇستەقىل ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇش يولىدا مېڭىشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي لۇشيەن ۋە سىياسەت- تەدبىرنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كۈچلۈك، پىشقان مەركىزى رەھبەرلىك كوللىكتىپى قۇرۇش جەھەتتە قىممەتلىك تەجرىبە ۋە مۇھىم بېشارەت قالدۇردى. زۈنيى يىغىنىنىڭ تارىخىي تەجرىبىسىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ، زۈنيى يىغىنى روھىنى جۇلالاندۇرۇشىمىز كېرەك.
تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، شى جىنپىڭ گۈيجۇ ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىى تەرەققىيات جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ماسلىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات ۋە ئىكولوگىيەنىڭ ئاخىرقى چېكىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككىلەمچى قوزغىلىش ئەۋزەللىكىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشكە كۈچەپ، شەرقىي قىسىمدىن پەرقلىنىدىغان، غەربىي رايوندىكى باشقا ئۆلكىلەرگە ئوخشىمايدىغان تەرەققىيات يېڭى يولىدا مېڭىشى كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى