باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

[‹‹شانلىق 60 يىل. شىنجاڭلىقلار ھەر جايدا] بىپايان زېمىندا بەخت قۇچقان ھەسەنجان (1)

2015.06.23 12:58   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

[‹‹شانلىق 60 يىل. شىنجاڭلىقلار ھەر جايدا] بىپايان زېمىندا بەخت قۇچقان ھەسەنجان (1)

  مەكىت ناھىيەسىنىڭ تۈمەنتال يېزىسىدىكى ھەسەنجان مەمەت 2002 – يىلى جۇڭگو گېئولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتۈپ، ئۇزاقتىن بېرى ئارزۇ قىلغان پايتەخت بېيجىڭغا كەلدى. ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ بېيجىڭدا ئوقۇدى، خىزمەت قىلدى، ئۆي – ئوچاقلىق بولۇپ، پەرزەنتلىك بولدى. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇ دېھقان بالىسىدىن ئۆگىنىشتە نەتىجە قازانغان ئوقۇغۇچىغا، ئارقىدىن بېيجىڭ شەھىرى بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارىغا ئايلىنىپ، بېيجىڭ شەھىرى شىدۇ رايونىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ قالدى. ئۇ مىللىي مەدەنىيەت، ئۆرپ – ئادەت جەھەتتىكى پەرقلەرنى يېڭىپ، شۇ جايدىكى خەلق بىلەن ئارىلىشىپ خىزمەت قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، كەسىپنى ئىجتىھات بىلەن بېرىلىپ ئىشلەپ، تۆھپە قوشۇپ، ئۆزىنى نامايان قىلىپ، تۇرمۇشتىن بەھر ئېلىپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈردى. ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسى دۇنيانىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى، ھايات يولىنىڭمۇ شۇنچىلىك كەڭرى ئىكەنلىكىنى، تىرىشىپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ تەرەققىي قىلغاندىلا، ئۆزگىرىش ياسىغىلى، تېخىمۇ چەكسىزلىككە يۈرۈش قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

  تۈنجى تۈركۈمدىكى ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارى

  2006 – يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ھەسەنجان ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. بۇ چاغ دەل بېيجىڭدا تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارلىرىنى تاللاپ تەكلىپ قىلىش باشلانغان چاغ ئىدى. ھەسەنجان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى يېزىلارغا تاللاپ ئەۋەتىش سىياسىتىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا تايانچ ئىختىساسلىقلارنى يەتكۈزۈش ۋە تەربىيەلەش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان زور تەدبىر ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، كەنت ئەمەلدارىنى تاللاش ئىمتىھانىغا قاتنىشىشنى قارار قىلدى. مەكتەپ بويىچە 400 نەچچە ئوقۇغۇچى تىزىمغا ئالدۇرغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا 40 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى، ھەسەنجان ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، بېيجىڭ شەھىرى بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارى ھەم بېيجىڭ شەھىرىدىكى بىردىنبىر ئۇيغۇر كەنت ئەمەلدارى بولدى.

  ھەسەنجان بېيجىڭ شەھىرى فاڭشەن رايونى ليۇلىخې بازىرىنىڭ شىدى كەنتىدە كەنت ئەمەلدارلىق ھاياتى، شۇنداقلا كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باستى.

  مەكتەپتىن ئەمدىلا ئايرىلغان ئىستۇدېنتنىڭ ياخشى كەنت ئەمەلدارى بولۇش ئۈچۈن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىشىگە توغرا كېلىدۇ، ھەسەنجان كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ساداسىغا قولاق سالدى، قىيىنچىلىقىنى ئىگىلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشنى كەنتنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ئىگىلەشتىن باشلاپ، يېزا ئاساسىي قاتلام خىزمىتىگە دائىر سىياسەتلەرنى ئۆگىنىپ، ئۆگەنگىنىنى كەنتنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۇپ، كەنت ئاھالىسىگە ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش ۋە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشتى.

  ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سۇ سائىتى، توك سائىتىنى رېمونت قىلىش، جەدۋەل تولدۇرۇش قاتارلىق ئۇششاق – چۈششەك ئىشلىرىنى قىلىشىغا ياردەملىشىش بىلەن بىرگە، كەنتنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى، كەنت مەمۇرىيىتى، ئۇنىۋېرسال تۈزەش، پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىق ھەر بىر خىزمەت ھالقىسىغا پائال قاتناشتى. ئەينى چاغدا شىدى كەنتىدە ئالاقە تورى قۇرۇلۇشى تېخى باشلانمىغانىدى، ئۇ مەكتەپتە ئۆگەنگەن تور بىلىملىرىگە تايىنىپ تور سۇپىسى قۇرۇپ، كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەم بەردى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر يۈرۈش ئىشخانا يۇمشاق ماتېرىيالىنى لايىھەلەپ، كەنتنىڭ ھۆججەتلىرى، كەنت ئاھالىسىنىڭ نوپۇس، ئارخىپ ماتېرىيالى قاتارلىقلارنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ، كەنتنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشقا ئاساس سالدى، بۇ سىستېما تا ھازىرغىچە شىدى كەنتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئاكتىپ رول ئوينىماقتا.

  ھەسەنجان شىدى كەنتىگە كەلگەندىن كېيىن، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىگە نۇرغۇن مالىيە ياردىمى بېرىدىغانلىقى ۋە سىياسەت جەھەتتە قوللايدىغانلىقىنى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ يەرنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشتە ياخشى رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، تال تىكىپ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەكلىپىنى بەردى ھەم شىنجاڭلىق دوست – بۇرادەرلىرى ئارقىلىق شىنجاڭدىن تال پەرۋىش تېخنىكىسىنى كىرگۈزدى.

  كەنتتىكىلەر قانداق چاغدا ياردەم سوراپ تېلېفون قىلسا، ھەسەنجان شۇ ھامان ئۇلارنىڭ قېشىغا باردى. ھەسەنجان: سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە بۇ ئىش كىچىك بولسىمۇ، بىراق كەنتتىكىلەر ئۈچۈن چوڭ ئىش ھېسابلىنىدۇ، بىر سان خاتا بولۇپ قالسا ياكى بىر ئىشنى ياخشى بېجىرمىسىڭىز، كەنت ئاھالىلىرى سىزدىن نارازى بولىدۇ، دېدى. بىراق دائىم مۇشۇنداق كىچىك ئىشلاردىن بىر ئادەمنىڭ پەزىلىتى، ئىرادىسى ۋە مەسئۇلىيەتچان ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ھەسەنجان مەسئۇلىيىتىنى تىرىشىپ ئادا قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن ھەر بىر ئىشنى ياخشى قىلىپ بەردى.

  ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ خىزمەتلەردە ئۇتۇق قازىنىپ، 2007 – يىلى پارتىيەگە كىردى، بېيجىڭ شەھىرى بويىچە مۇنەۋۋەر كەنت ئەمەلدارى بولۇپ باھالاندى.

  شىدۇ بازىرىدىكى ئۇيغۇر يىگىت

  ھەسەنجان 2009 – يىلى 9 – ئايدا كەنت ئەمەلدارلىق تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئاشكارا رىقابەتلىشىپ ئىش ئورنىغا چىقىش ئارقىلىق، بېيجىڭ شەھىرى فاڭشەن رايونى شىدۇ بازىرىغا خىزمەتكە چۈشتى ھەسەنجان 2012 – يىلى شىدۇ بازىرى تۈر قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىلىقىغا تەيىنلەنگەندىن كېيىن، تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ھەسەنجان دائىم ئۆزىگە مەدەت بېرىپ، ‹‹گۈزەل بىر كۈن ئالدىراشلىق ۋە كۈرەش ئىچىدە باشلىنىدۇ›› دەيدۇ.

  شىدۇ بازىرى بېيجىڭ شەھىرىدىكى ساياھەتچىلىك كەسىپلەشكەن بازار بولۇپ، تۈر قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى شىدۇ بازىرىنىڭ ساياھەت تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ تۈرلۈك مۇلازىمەتنى يولغا قويدى، خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىدە تۈرنى بازارغا سېلىش، خېرىدار چاقىرىش، قۇرۇلۇش قىلىشتىن تارتىپ ئەڭ ئاخىرىدا تاماملىغىچە، ئومۇمىي جەرياننى بىرمۇ بىر ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۇرۇشكە توغرا كېلەتتى. بەزىدە نۇرغۇن تۈر بىرلا ۋاقىتتا يولغا قويۇلاتتى، بەزىلىرى پىلانلىنىۋاتقان، بەزىلىرىنىڭ ئالدىنقى قارارلىق تەييارلىق خىزمىتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنىۋاتقان، بەزىلىرى قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان، بەزىلىرى خامچوت باسقۇچىغا كىرگەن، بەزىلىرىنىڭ رەسىمىيىتى بېجىرىلىپ قۇرۇلۇش قىلىشقا تەييارلانغان... ھەسەنجان كەسىپداشلىرى بىلەن ھەر كۈنى بىرلىكتە باش قوشۇپ خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلىدى. ھەسەنجاننىڭ يېنىدىن خاتىرە دەپتەر ئايرىلمايتتى، ئۇ ھەر كۈنى قىلىدىغان خىزمەتلەرنى خاتىرىلەيتتى. ھەسەنجان مۇنداق دېدى: مەندە بۇنىڭدەك چوڭ خاتىرىدىن بىر نەچچىسى بار، ئاساسەن ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم بىرنى ئالماشتۇرىمەن. مەن ھەر كۈنى قىلىدىغان ئىشلار، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى خاتىرىلەيمەن، پىلان ئورۇندالسا توغرا بەلگىسى قويىمەن، ئورۇندالمىغان بولسا خاتا بەلگىسى قويىمەن...

  2012 – يىلىنىڭ ئاخىرى. ھەسەنجان بىر كۈنى نۇقتىلىق تۈرنىڭ قوليازما نۇسخىسىنى پرويېكسىيە ئاپپاراتى بىلەن كۆرسىتىشكە تەييارلىق قىلىپ، تا ئەتىسى سەھەر سائەت بەشكىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىدى، ئۇ ئۆيىگە قايتىپ يۇيۇنغاندىن كېيىن، سائەت سەككىزدە ئىشخانىسىغا كېلىپ، مەبلەغ سالماقچى بولغان كارخانا ۋە ئالاقىدار رەھبەرلەرگە دوكلات قىلىپ، ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى، تۈر ئوڭۇشلۇق تەستىقلاندى.

  شىدۇ بازىرىنىڭ ساياھەتچىلىك بايلىقىنى پىششىق ئىگىلەپ، خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ھەسەنجان كۈنىگە 15 كىلومېتىردىن 20 نەچچە كىلومېتىرغىچە پىيادە يول يۈرۈپ، شىدۇ بازىرىنىڭ تاغ – دەريالىرىنى تولۇق ئايلىنىپ چىقتى.

  بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ھەسەنجان شىدۇ بازىرىنىڭ بارلىق خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىگە قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەر بىر تۈرنىڭ جەريانىغا باشتىن – ئاخىر قاتنىشىپ، ئۆزگىچە بىر تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم. ناھايىتى كىچىك تۈرلەرمۇ شۇ جاينىڭ قىياپىتىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتەلەيدىكەن، يەرلىك ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ كىرىم ئېلىپ كېلىدىكەن، ئۇنىڭغا قوشۇپ ئۈل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈۋېدۇق، شىدۇ بازىرى تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلدۇق.

  كۈي يوڭبو شىدۇ بازىرىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، ئىلگىرى بىر نەچچە مو يېرىگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى. شىدۇ بازىرىغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ يىلدىن – يىلغا كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇ سەھرا ئارامگاھى ئاچتى، بۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. ئىككى قەۋەتلىك ئۆي سالدى. ئۇ ھازىر بىرلا ۋاقىتتا نەچچە يۈز كىشىنىڭ ياتاق، تامىقىنى ئورۇنلاشتۇرالايدۇ، ئۇ يەنە سۇ ئۈستى ساياھەت تۈرىنى يولغا قويۇپ، 50 قولۋاق سالدى، يىللىق ساپ كىرىمى نەچچە يۈز مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

  ‹‹2013 – يىللىق بېيجىڭدىكى جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك نوپۇزلۇق كارخانىچىلارنىڭ فاڭشەن رايونىغا مەبلەغ سېلىش سەپىرى›› پائالىيىتى 2013 – يىلى 5 – ئايدا شىدۇ بازىرىدا داغدۇغىلىق باشلاندى. پائالىيەتتە فاڭشەن رايونىنىڭ ئىقتىساد، ساياھەت ۋە مەدەنىيەت بايلىقى ئەۋزەللىكى بازارغا سېلىنىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ نوپۇزلۇق كارخانىلىرى فاڭشەن رايونى بىلەن ھەمكارلىشىشقا جەلپ قىلىندى، جۇڭگو ھەممىباب تېخنىكا گۇرۇھى، جۇڭگو خەلقئارا ھاۋالە مەبلەغ گۇرۇھى، ‹‹خۇيفېڭ›› بانكىسى قاتارلىق 200 دەك نوپۇزلۇق كارخانا بىلەن 4 مىليارد يۈەنلىك مۇددىئانامە ئىمزالاندى.

  2014 – يىلى 9 – ئايدىن تاكى ھازىرغىچە بېيجىڭ ‹‹مىڭرۈن›› گۇرۇھى شىدۇ بازىرىدا ئىجاد قىلغان ‹‹شىدۇ رىۋايىتى›› ناملىق ئوپېرا ساياھەت مەزگىلىدە ھەر ھەپتە ئاخىرىدا قويۇلۇۋاتىدۇ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قالتىس نومۇرلار ساياھەتچىلەرگە ھوزۇر ئاتا قىلىش بىلەن بىللە، شىدۇ بازىرىنىڭ مەنزىرىسىگە تېخىمۇ ھۆسن قوشۇپ، شىدۇ بازىرىنىڭ مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتتى، بۇ تۈرگە باشتىن – ئاخىر قاتناشقان ھەسەنجان بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولدى.

  ھەسەنجان 2014 – يىلى كەسىپداشلىرى بىلەن بىرگە فاڭشەن دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسىنى قايتا باھالاشقا دائىر بىر يۈرۈش خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، مەسىلەن: رايون ئىچىدىكى گېئولوگىيەلىك خارابىلەر، ئۇلارنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى، سان – سۈپىتى، بايلىق دەرىجىسى قاتارلىقلارنى تۈرگە ئايرىپ، خۇلاسىلەپ، باھالاپ، بايلىق ئارخىپى تۇرغۇزدى؛ گېئولوگىيەلىك خارابىلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ئىشلەپ، ۋەيران قىلىۋېتىلگەن رېشاتكا، تور، تۇتقۇچلارنى رېمونت قىلدى ۋە ئاسرىدى، ئىنچىكە ھەم ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق، فاڭشەن دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسى ب د ت مائارىپ – پەن – مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باھالىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى.

  2012 – يىلى 7 – ئايدا شىدۇ بازىرىدا كەلكۈن كېلىپ، پەۋقۇلئاددە ئېغىر تەبىئىي ئاپەت يۈز بەردى. ھەسەنجان ئاپەت ئەھۋالىنى يۇقىرىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ، رەھبەرلەرنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشىنى بىرىنچى قول ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، تەكرار گېئولوگىيەلىك ئاپەت يۈز بېرىش خەۋپىگە قارىماي، ئاپەت بولغان رايوننىڭ مەركىزىگە كېلىپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئەھۋالىنى سىنغا ئالدى. شۇ كۈنى مەيلى چېلەكلەپ قۇيۇلۇۋاتقان يامغۇر بولسۇن ياكى پاتقاق يول بولسۇن، ئۇنىڭ قەدىمىنى توسۇپ قالالمىدى. قەيەدەر ئاپەت ئەھۋالى ئېغىر بولسا، ئۇ شۇ يەردە پەيدا بولدى. ئۇ سىن ئاپپاراتى بىلەن ئاپەت ئەھۋالىنى ئەينەن خاتىرىلىدى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جەريانىدىكى كىشىنى تەسىرلەندۇرىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى سىنغا ئالدى ھەم ئۆزىمۇ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇشقا قاتناشتى. كەلكۈننىڭ بارغانسىرى ئەۋج ئېلىشىغا، كۆۋرۈكنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكىنىگە قارىماي، تاكى كەلكۈن سۈيى يانغىچە ئاپەت رايونىدىن ئايرىلمىدى.

  ئاپەتتىن كېيىن، شىدۇ بازىرىنى قايتا قۇرۇش خىزمىتى دەرھال قانات يايدۇرۇلدى. ھەسەنجان مۇنداق دېدى: شىدۇ بازىرىنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ئىشلىرى ئەسلىدىكى سەھرا ئارامگاھلىرى ۋە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى قاتارلىق ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى ئاددىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەمەس، بىز بۇ قېتىمقى تەبىئىي ئاپەتنى ساياھەتچىلىكنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى پۇرسەت بىلىپ، يېڭى بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن قايتىدىن ئىلمىي پىلانلاپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، يېڭى بازار مۇھىتىدا شىدۇ بازىرىنىڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردۇق.

  ھازىر خېرىدار چاقىرىپ، مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرلىرىنىڭ ئارقا – ئارقىدىن ئەمەلىيلىشىشى ۋە تاماملىنىشى، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، شىدۇ بازىرىدا ئاستا – ئاستا ئۆزگىرىش بولدى، بەزى مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە ساياھەت شىركەتلىرى بۇ يەرگە ماكانلاشتى، شىدۇ بازىرىنىڭ ساياھەتچىلىكى تېخىمۇ زور تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە بولدى. كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىمۇ زور ئۆزگىرىش بولدى، مانا مۇشۇنداق تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەسەنجان ئىچ – ئىچىدىن خۇشال بولۇپ، بەخت قاينىمىغا چۆمدى.

  مىننەتدار بولۇپ، بەختلىك ياشاش

  ھەسەنجان دەسلەپكى چاغلاردا تېڭىرقاپمۇ قالغان. تۇرمۇش ئادىتى يەرلىكلەرگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ھەسەنجاننىڭ بۇ يەرگە ئۆزلىشىشى ئۇنچىۋالا ئاسانغا چۈشمىگەنىدى. تەلىيىگە، ئۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلۇۋاتقان كاتتا دەۋردە ياشاۋاتقاچقا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىناق، ئىتتىپاق، بىر – بىرىگە ياردەم بېرىدىغان ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىدە باشقىلار ئۇنىڭ ئېتىقادى، ئۆرپ – ئادىتىنى ھۆرمەت قىلدى، ئېتىراپ قىلدى ۋە قوبۇل قىلدى، شۇنداق قىلىپ ئۇ تىرىشىپ خىزمەت قىلىش، گۈزەل كېلەچەكنى يارىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.

  ھەسەنجان 1999 – يىلى مەكىت ناھىيەلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ئاتىسىدىن ۋاقىتىسز ئايرىلىپ قالغانىدى. ئائىلىسى نامرات بولغانلىقى ئۈچۈن، ئوقۇش پۇلىدىن قاتتىق غەم يىگەنىدى. ئەھۋالنى بىلگەن مەكىت ناھىيەلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇنىڭ ھەممە ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھاياتىدا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلالىدى. 2002 – يىلى ھەسەنجان ئەلا نەتىجە بىلەن جۇڭگو گېئولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتتى، ئالىي مەكتەپتىكى تۆت يىللىق ئوقۇش پۇلىنى ئاپتونوم رايوننىڭ غەربىي رايون ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن ھەل قىلدى.

  شىدى كەنتىدىكىلەر ئۇنىڭ تۇرمۇشى، ئۆرپ – ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، يېڭى قازان – قۇمۇشلارنى سېتىۋالدى، بۇ بىر يۈرۈش قازان – قۇمۇشلار ھەسەنجانغا ئەگىشىپ، ئۇ قايسى ئۆيگە بارسا، شۇ ئۆيدە پەيدا بولدى. ئۇ شىدۇ بازىرىغا خىزمەتكە چۈشكەن تۇنجى كۈنى، بازاردىكىلەر ئاشپەز تەكلىپ قىلىپ مۇسۇلمانچە غىزالارنى تەييارلىدى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يىغىن ئېچىپ، بازاردىكى ھەر بىر كادىرغا بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ئۇنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى.

  ھەسەنجاننىڭ خوتۇنىمۇ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولغان. ئۇ 2007 – يىلى قەشقەردىن بېيجىڭدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنپىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن، مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۇ كەنت ئەمەلدارى بولۇپ، ھەسەنجان بىلەن تونۇشۇپ، بەختىلىك ئائىلە قۇرغان.

  ھەسەنجان چەكسىز مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: جەمئىيەتنىڭ ماڭا تەرەققىيات سۇپىسى ھازىرلاپ بەرگىنىگە، رەھبەرلەر ۋە كەسىپداشلارنىڭ مېنى ئېتىراپ قىلغانلىقىغا، قوبۇل قىلغانلىقىغا رەھمەت. مۇشۇنچىۋالا ياخشى پۇرسەت، مۇشۇنچىۋالا ياخشى كەيپىيات بولمىسا، كىشىنىڭ ئۆزئەقىل – پاراستىنى جارى قىلدۇرۇپ، كىشىلىك ھاياتتىكى گۈزەل ئارزۇلارنى روياپقا چىقىرالىشى قىيىن.

  2015 – يىل 4 – ئاينىڭ 22 – كۈنى بۇ بەختىلىك ئائىلە كىشىلىك ھاياتتىكى مۇھىم پەيتكە قەدەم قويدى بۇ كۈنى ھەسەنجاننىڭ قىزى تۇغۇلدى، ھەسەنجان قىزىغا سوفىيە دەپ ئىسىم قويدى. يېڭى ھاياتلىق ئائىلىنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، ھەسەنجاننىڭ بۇ جايغا بولغان رىشىتىسى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتى، ئۇ يېڭى ھاياتلىقنى قولىغا ئېلىپ، خىلمۇ – خىل خىياللارغا پاتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بېيجىڭ ئۇنىڭ ئۆتىڭى ئەمەس، بەلكى مەڭگۈلۈك ماكانىغا ئايلانغانىدى. يىللار ئۇنىڭ يۇرتى شىنجاڭغا بولغان سېغىشىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، يەنە 2 – يۇرتىدا ئۇنىڭغا مول تۇرمۇش ۋە كەڭ سەھنە يارىتىپ بەردى، بۇ جاي ئەپۇچان، كۆپ مەنبەلىك، باراۋەر، ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى، ئۇ بۇ تۇرمۇشقا يەنىمۇ سىڭىپ كىرىپ، تېخىمۇ شانلىق، رەڭدار ھايات مۇساپىسىنى باشلاشنى خالايدۇ.

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 110ئالىي مەكتەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدىكى 400كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلدى، ھەقلىق دەرس تولۇق…
      ·بۇ يىل شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە 10500 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ
      ·يەنىمۇ كۆپ چەت ئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىد…
      ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى: ئاسپرانتلار ئوقۇشنى ئۈچ يىل توختىتىپ ئىگىلىك تىكلىسە بولىدۇ
      ·2015- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
      ·ئۆزبېكىستاندا 1400 كىلوگىرامدەك تۈرلۈك زەھەرلىك بۇيۇم كۆيدۈرۈلدى
      ·بېيجىڭدا يەنە 39 قانۇنسىز مەكتەپ بايقالدى
      ·ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 20-ئىيۇن باشلىنىدۇ،2015-يىل…
      ·شىنجاڭدىكى 23 نەپەر مېيىپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلىندى