خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ كېلۇگ دۆلەت باغچىسىدا، ئەنگلىيەلىك ئىشتىن سىرتقى فوتوگراف كارولىن دۇنفورد ئىنتايىن خەتەرلىك بولغان كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە تارتىۋالغان، باغچىنىڭ ساياھەت ماشىنىسىغا يېقىن جايدا شىر بۆكەننى كەچلىك تامىقى قىلماقچى بولغان، بۆكەن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشقان بولسىمۇ ئاخىرى ئېچىنىشلىق تەقدىردىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. پۈتۈن ئوۋلاش جەريانىنىڭ تاماشىبىنلار بىلەن بولغان ئارىلىقى ئارانلا بىر مېتىر بولغان. ماشىنىدىكى تاماشىبىنلار بۇ جەرياندا ناھايىتى قورقۇپ كەتكەن، پەقەت فوتوگرافلا باتۇرلۇق بىلەن بۇ كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە تارتىۋالغان. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى