باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيا بويىچە 1-نومۇرلۇق زەھەر ئەتكەسچىسى گۇزمان يەنە تۈرمىدىن قاچتى

2015.07.13 16:42   مەنبە: خەلق تورى

دۇنيا بويىچە 1-نومۇرلۇق زەھەر ئەتكەسچىسى گۇزمان يەنە تۈرمىدىن قاچتى

  شىنخۇا تورى، مېكسىكا شەھىرى، 12-ئىيۇل تېلېگراممىسى. مېكسىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى شۇ جاي ۋاقتى 12-ئىيۇل سەھەردە دۇنيا بويىچە 1-نومۇرلۇق زەھەر ئەتكەسچىسى، مېكسىكىنىڭ سىنالوئا ئىشتاتىدىكى زەھەر ئەتكەسچىلىكى گۇرۇھىنىڭ كاتتىبېشى يوئاكۇئىن گۇزمان لوئېرانىڭ 11-ئىيۇل كەچتە مېكسىكىدىكى «ئېگىزلىك» فېدېراتسىيە تۈرمىسىدىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى دەلىللىدى.

  مېكسىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇزمان ئاخىرقى قېتىم 11-ئىيۇل كەچ سائەت 20دىن 52 مىنۇت ئۆتكەندە تۈرمىنىڭ نازارەت قىلىش سىنئالغۇسىدا كۆرۈنگەن. نازارەت قىلىش سىنئالغۇسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ تۈرمىنىڭ 20-رايون 2-نومۇرلۇق كارىدورىدىكى مۇنچا رايونىغا كىرگەن، مۇنچا رايونى كۆرۈنمەس رايونغا تەۋە ئىكەن. گۇزمان نازارەت قىلىش سىنئالغۇسىدا ئۇزاق ۋاقىت كۆرۈنمىگەندىن كېيىن، تۈرمە ساقچىسى مۇنچىخانا ۋە كامېرغا كىرگەن، بۇ ۋاقىتتا گۇزمان ئاللىبۇرۇن قېچىپ كەتكەن.

  گۇزماننىڭ تۈرمىدىن قاچقانلىقى دەلىللەنگەندىن كېيىن، تۈرمە ۋە مىكسىكا ساقچى تەرەپ دەرھال تۈرمىنىڭ ئەتراپىدىكى رايون ۋە مېكسىكا ئەتراپىدىكى ھەر قايسى ئىشتاتلارغا تۇتىشىدىغان يوللارنى قامال قىلدى ھەم تۈرمىگە ئەڭ يېقىن بولغان مېكسىكا تولۇكا ئايروپورتىدا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈپ، ھەر قانداق ئۇچۇش پائالىيىتىنى چەكلىدى.

  سۈرەتتە: «پاكىنەك» دەپ لەقىمى بار گۇزمان (سولدا)نىڭ 2014-يىل 2-ئاينىڭ 22-كۈنى مېكسىكا شەھىرىدىكى دېڭىز ئارمىيەسى ھەربىي ئايروپورتىدا ئەسكەرلەر تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلغان ۋاقتىدىكى سۈرىتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·2015-يىلى ئىچكىردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا  كەسپىي تېخنىكوم سىنىپىغا تۇنجى قېتىم 50نەپەر پۇتبولدا ئالاھىدى…
      ·دۇنيادىكى داڭلىق مەكتەپلەر ياقتۇرىدىغان ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولۇپ كېتىشى …
      ·جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 110ئالىي مەكتەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدىكى 400كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلدى، ھەقلىق دەرس تولۇق…
      ·بۇ يىل شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە 10500 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ
      ·يەنىمۇ كۆپ چەت ئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىد…
      ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى: ئاسپرانتلار ئوقۇشنى ئۈچ يىل توختىتىپ ئىگىلىك تىكلىسە بولىدۇ
      ·2015- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
      ·ئۆزبېكىستاندا 1400 كىلوگىرامدەك تۈرلۈك زەھەرلىك بۇيۇم كۆيدۈرۈلدى
      ·بېيجىڭدا يەنە 39 قانۇنسىز مەكتەپ بايقالدى