- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ياۋروپا ئىتتىپاقى روسىيەگە قارىتىلغان ئىقتىسادىي جازانى يېرىم يىل ئۇزارتتى
2015.06.23 13:25 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر دېپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى 22-ئىيۇن ليۇكسىمبۇرگدا ئېچىلدى، يىغىندا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ روسىيەگە يۈرگۈزگەن ئىقتىسادىي جازاسىنى 2016-يىل 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە يېرىم يىل ئۇزارتىشنى قارار قىلدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتتە روسىيەگە يۈرگۈزگەن ئىقتىسادىي جازانىڭ مۇددىتى بىر يىل بولۇپ، ئەسلىدە بۇ يىل 7-ئايدا ۋاقتى توشاتتى. ئىقتىسادىي جازانىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتامدۇ يوق؟ بۇ ئىزچىل خەلقئارا دىققەت قىلىدىغان قىززىق نۇقتا ئىدى.
يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان نەتىجە ھۆججىتىدە تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇيىل 3-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەتىيازلىق يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي جازانى ئۇزارتىش ياكى ئۇزارتماسلىقنى يېڭى مىنىسكىي كېلىشىمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى بىلەن ماسلاشتۇرۇشنى قارار قىلغان. بۇ قېتىملىق مۇددەت ئۇزارتىش قارارى بۇ ئاساسىي مەقسەتكە ماس كېلىدۇ.
ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقى روسىيەنىڭ «ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلغانلىقى» ئۈچۈن روسىيەگە قارىتا ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزگەن، ھەمدە ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا جازا سالمىقىنى ئاشۇرغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر