باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما: ئىرقچىلىق ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ھېلىھەم مەۋجۈد

2015.06.23 13:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) ئامېرىكا زوڭتوڭى ئوباما 22-ئىيۇن ئامېرىكىنىڭ نېگىر قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ سايىسىدىن چىقىپ كېتەلمىگەنلىكىنى، ئىرقچىلىقنىڭ ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ھېلىھەم مەۋجۈد ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇرغۇن ئەلرايى تەكشۈرۈشىدىن كۆرسىتىلىشىچە، زور كۆپ سانلىق ئامېرىكا پۇقرالىرى ئامېرىكا جەمئىيىتىنى ئوباما ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە ئىرقچىلىق مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىغا شاھىد بولغان، دەپ قارايدىكەن.

  ئوباما شۇ كۈنى قويۇلغان بىر تاراتقۇ زىيارىتىدە، ئالدىنقى كۈنى يۈز بەرگەن ئاق تەنلىك قوراللىقنىڭ جەنۇبىي كارولىنا شىتاتىنىڭ چارستون شەھىرىدىكى بىر قارا تەنلىكلەر چېركاۋىغا ھۇجۇم قىلىپ 9كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكىگە قارىتا، ئامېرىكىدا قارا تەنلىكلەرگە قارىتا ھاقارەتلەش خارەكتېرىدىكى سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىك ھەرگىزمۇ ئىرقچىلىقنىڭ مەۋجۈد ئەمەسلىكىگە ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقىنى، ئىرقچىلىقنىڭ تامغىسى ھېلىھەم بۈگۈنكى ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ساقلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلار تەمىنلىگەن سان-سېفىرلارغا ئاساسلانغاندا، 2012-يىلى ھەر بىر مىليون قارا تەنلىك پۇقرا ئىچىدە 50تىن ئارتۇق كىشى ئىرقچىلىك ئامىلى پەيدا قىلغان ئۆچمەنلىكنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان، ھەمدە بۇ سان ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئەمەلىي ئەھۋالدىن تۆۋەن دەپ قارالغان.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر