باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فابىئۇس: خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىگە ئارىلىشىشى ھەققىدە تەكلىپ بەردى

2015.06.23 12:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەلەستىندە زىيارەتتە بولۇۋاتقان فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابىئۇس 21-ئىيۇن مۇنداق دېدى: فىرانسىيە پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىپ، تىنچلىق سۆھبىتىدە نەتىجە ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى ھەققىدە تەكلىپ بەردى. فابىئۇس شۇ كۈنى پەلەستىننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى مالىك بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: فىرانسىيە پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلىپ ئاخىرقى مەزگىلگە كەلگەندە بىر خەلقئارالىق كوللېكتىپنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەر ئەڭ ئاخىرقى توسالغۇدىن ھالقىپ ئۆتكۈچە بۇنىڭغا ئارىلىشىپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشى ھەققىدە تەكلىپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتى ئاخىرقى باسقۇچتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان، شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر