- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيەدە ئىككى تىرانسپورت ئايروپىلانىنى بۇلاپ كەتكەن ئىككى ئەرنى ساقچىلار قولغا چۈشۈردى
2015.06.23 12:54 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 21-ئىيۇن رۇسىيەنىڭ تيۇمېن ئوبلاستىدا ئىككى خۇسۇسىي تەنھەرىكەت ئايروپىلانىنى بۇلاپ كەتكەن ئىككى ئەرنى ساقچىلار تۇتۇۋالغان، ھازىر بۇ ۋەقە تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ. شۇ يەر ۋاقتى 21-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن سالاھىيىتى نامەلۇم ئىككى ئەر رۇخسەتسىز ھالدا ئىككى خۇسۇسىي تەنھەرىكەت ئايروپىلانىنى ھەيدەپ تيۇمېن ئوبلاستىنىڭ ئىشىم شەھىرىدىكى بىر ئاۋىياتسىيە تەنتەربىيە كۇلۇبى ئايرودۇرۇمىدىن ئايرىلغان. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى؛ بۇ ۋەقە جىنايى ئىشلار دېلوسى قاتارىدا تەكشۈرۈۋاتىدۇ. بۇلاپ كېتىلگەن ئىككى ئايروپىلان ئوخشاشلا ئىشىم شەھىرىدىكى مەلۇم ئاۋىياتسىيە تەنتەربىيە كۇلۇبىغا تەۋە.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر