باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا مۇتەخەسىسى: چاۋشيەن بىر ئۇران بومبىسى پارتلىتىشى مۇمكىن(2)

2013.02.16 14:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


  يېقىلغۇ ئىشلەپچىقىرىدىغان بۇ ئەسلىھەنىڭ كۆلىمىنىڭ زورلۇقى ۋە زىللىقى ئۇنى ھەيران قالدۇرغان، شۇنداقلا ئۇنى چاۋشيەنلىكلەرنىڭ ناھايىتى تېزلا ئۇ ئېكسكۇرسىيە قىلغان زاۋوتنى قۇرۇپ چىقالايدىغانلىقىدەك يەكۈنگە كەلتۈرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا چاۋشيەننىڭ يەنە بىر مەخپىي زاۋۇتى بار.

  يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان، دۇنيانىڭ چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىگە بولغان دىققىتى زور دەرىجىدە ئاشتى ، چۈنكى بۇندىن بۇرۇن چاۋشيەن ئامېرىكىغا بارالايدىغان يىراق مۇساپىلىك راكېتانى مۇۋەپپىقىيەتلىك قويۇپ بەردى. ھازىر چاۋشيەن ئۈچىنچى قېتىم يادرو سىنىقى قىلىمىز دەپ تەھدىت سېلىۋاتىدۇ. چاۋشيەن 2006-يىلى ۋە 2009-يىلى ئىككى قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغاندا پلۇتونىي بومبىسى ئىشلەتكەن. كورىيە ۋە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى: چاۋشيەن پەقەت ئالىي رەھبەر كىم جۇڭئۇننىڭ تەستىقى بولسىلا، تېخنىكا جەھەتتە ھەر قانداق ۋاقىتتا يادرو سىنىقى ئېلىپ بارسا بولىدىغان شارائىت ھازىرلىدى دېدى.

  خېك مۇنداق دېدى: چاۋشيەننىڭ مەيدانىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تېخنىكىسىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار، يەنە كېلىپ بۇ مەيلى قاچانلا بولسۇن تەسقىتلىنىدۇ، شۇڭا بىر قېتىمدىلا سىناق قىلىشى مۇمكىن. خېك چاۋشيەننىڭ بۇ قېتىم ئېلىپ بارىدىغان يادرو سىنىقىنىڭ پارتلاش كۈچى 20مىڭ توننىدىن 50 توننىغىچە بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدى. پارتلاش كۈچى ياپونىيەنىڭ خىروسىما ئارىلىغا تاشلانغان ئاتوم بومبىسىنىڭكىدىن خېلىلا چوڭ، خىروسىما ئارىلىغا تاشلانغان ئاتوم بومبىسىنىڭ پارتلاش كۈچى 15مىڭ توننا ئىدى.

  خېك مۇنداق دېدى: چاۋشيەن كىچىكلىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قاچىلىغىلى بولغۇدەك يادرو بومبىسى ياساشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئېلىپ بېرىلىش ئالدىدا تۇرغان يادرو سىنىقى بۇ خىل ئارزۇنىڭ تۈرتكىسىدىن بولغان. لېكىن چاۋشيەن ئاز بولغاندىمۇ بەش يىلدا نۇرغۇن سىناقلار ئارقىلىق ئاندىن قىتئەلەر ئارا قويۇپ بېرىلىدىغان ترايېكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساپ چىقالايدۇ.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە