باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا مۇتەخەسىسى: چاۋشيەن بىر ئۇران بومبىسى پارتلىتىشى مۇمكىن(3)

2013.02.16 14:05        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


  خېك مۇنداق دېدى: مېنىڭچە چاۋشيەننىڭ كىچىك ھەم يېنىك، باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئوق بېشى ياساشقا ئىشەنچىسى يوق. بۇ ئۇلارنىڭ يەنە بىر قېتىم سىناق ئېلىپ بېرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب.

  خېك مۇنداق دېدى: ھازىر مەن قىتئەلەر ئارا قويۇپ بېرىلىدىغان ترايېكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو قورالىدىن ئەندىشە قىلمايمەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بۇ نۇرغۇن يىلدىن كېيىنكى ئىشلار، بۇنىڭغا بەش يىل ياكى تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ چاۋشيەننىڭ ئالاقىدار تېخنىكىغا ئېرىشكەن بۇ ۋاقىتتا قانچىلىق سىناق ئېلىپ بارالىشىغا باغلىق. ئۇ: ناۋادا چاۋشيەن يەنە بىر قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بارسا، يېتىم قېلىۋاتقان چاۋشيەنگە نىسبەتەن سىياسىي تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: چاۋشيەن سىياسىي جەھەتتە بەدەل تۆلەيدۇ، ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جازاسىغا ئۇچراپلا قالماستىن بەلكى جۇڭگونىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ.

  ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى ۋىليام پېررى 5-فېۋرال مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ھەربىي زەربە بېرىش ئارقىلىق چاۋشيەننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنى يوقۇتۇش ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

  پېررى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: 1994-يىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق چاۋشيەن يادرو كرىزىسىدا ، ئامېرىكا بومباردىمان قىلىش شەكلى ئارقىلىق يوڭبىيون رايونىدىكى يادرو رېئاكتورىنى ۋەيران قىلىشنى ئويلاشقان ئىدى. ھالبۇكى ھازىر چاۋشيەننىڭ يادرو ئەسلىھەسى ھەر قايسى جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلدى، يادرو قورالىنى ھەر ۋاقىت باشقا جايغا يۆتكىگىلى بولىدۇ، شۇڭا ھەربىي زەربە بېرىش شەكلى ئارقىلىق چاۋشيەننىڭ يادرو ئىقتىدارىنى بېسىش تەسكە توختايدۇ.

  چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى قانداق توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئۈستىدە توختالغاندا پېررى مۇنداق دەپ قارىدى: 13 يىل بۇرۇن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى كلىنتون ھۆكۈمىتى ئوتتۇرغا چىقارغان پېررى تەرتىپى ھازىرمۇ باب كېلىدۇ. كورىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە بىر گەۋدە بولۇش سۈپىتىدە زىچ ھەمكارلىشىپ كەلدى. چاۋشيەن بىلەن سۆھبەتلەشكەندە چاۋشيەننىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ھەرىكەت قىلىشىنىلا پەرەز قىلماستىن بەلكى چاۋشيەننىڭ ھازىرقى تۈزۈلمىسى ۋە دۆلەت ئەھۋالىنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ، بۇ ئاساستا ئالاقىدار تەدبىرلەرنى بېكىتىش كېرەك. پېررى مۇنداق دېدى: چاۋشيەن مۇشۇ ھەپتە ياكى كېلەر ھەپتە ئۈچىنچى قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن، يادرو يېقىلغۇسىدا قويۇقلۇق دەرىجىسى يۇقىرى ئۇران بىلەن پلۇتونىي بىرلەشتۈرۈلگەن يادرو يېقىلغۇسى ئىشلىتىلىشى مۇمكىن.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە