باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇيغۇر دوكتور تۇرسۇن ئەبەي پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىگە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى

2017.09.18 14:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر ياش تۇرسۇن ئەبەي جەنۇبىي شىنجاڭدىن چىققان دوكتور ئاسپىرانت. يېقىندا ئۇ «ئوتتۇرا تېخنىكومدىن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىگىچە-بىر ئۇيغۇر دوكتورنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇساپىسى ۋە تەسىراتى» ماۋزۇلۇق ماقالىنى ئېلان قىلدى، بۇ ماقالە توردا كەڭ تارقىتىلدى، ماقالىدا تۇرسۇن ئەبەي ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش سەرگۈزەشتىسى ئارقىلىق ياشلارنى تەربىيەلەپ، پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىگە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

  تۇرسۇن ئەبەي ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ خوتەننىڭ تەۋەككۈل يېزىسىنىڭ باقىدۆڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتىنىڭ كادىرى، مۇخبىر ئۇنى زىيارەت قىلغىلى بارغاندا ئۇ كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى قوش تىل دەرسخانىسىدا كەنت ئاھالىلىرىگە خەنزۇ تىلى ئۆگىتىۋاتاتتى، تۆۋەندە ئولتۇرغان مۇھەممەت ئەزىز بىر تەرەپتىن دەرس ئاڭلىغاچ، بىر تەرەپتىن خاتىرە قالدۇرۇۋاتاتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: تۇرسۇن مۇئەللىم دەرسنى ناھايىتى جانلىق ئۆتىدۇ، خەنزۇ تىلى سەۋىيەم خېلى ئۆسۈپ قالدى، ھازىر كۈندە كېلىپ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىۋاتىمىز، ئىلگىرى بىر جىڭ ئۈزۈم قانچە پۇل دېسىمۇ بىلمەي قاراپ تۇراتتۇق، بەك ئاۋارىچىلىك ئىدى، ھازىر 10 يۈەن، 15 يۈەن دېگەنلەرنى ئۆگىنىۋالدىم، خەنزۇ تىلى ئۆگەنگەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن.

  تۇرسۇن ئەبەي بۇ يىل 2-ئايدا باقىدۆڭ كەنتىگە كېلىپ، كەنتتىكى 1383 ئاھالىنىڭ ئاساسىي ئۇچۇر ئىسكىلاتىنى قۇرغان، ئۇ زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، كەنتتە ياشلارنىڭ كۆپلۈكى، ئۇلارنىڭ خەنزۇچە سەۋىيەسىنىڭ ئاجىزلىقىنى، بۇ ياشلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنى چەكلەپ قويۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دەرھال قوش تىل دەرسخانىسى ئېچىشنى ئويلايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتمىسە، سىرتقا چىقسىمۇ ئىش تېپىش تەس، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئالدى بىلەن خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيىتى، تارىخىنى بىلىش كېرەك، مۇھىمى كىمنىڭ بىزنى ھازىرقى بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەنلىكىنى، مىننەتدارلىقنى بىلىشىمىز كېرەك.

  تۇرسۇن ئەبەي دائىم ئەتراپتىكى 10-20 كەنت ئاھالىسىنى بىر دېھقاننىڭ ئۆيىگە يىغىپ سىردىشىدۇ، پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، ئۇلارغا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەيدۇ. ئۇ: پىكىر ئالماشتۇرۇش داۋامىدا نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىمىز، دېدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ياردەم پۇلى سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىسىدىن شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى، يەنە بېيجىڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتىغىچە بولغان ئوقۇش سەرگۈزەشتىسىنى سۆزلەپ، كەنت ياشلىرىغا كۆپرەك كىتاب ئوقۇش ھەققىدە تەربىيە بەردى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، غەمخورلۇق قىلىۋاتىدۇ، ناۋادا دۆلەتنىڭ مىللىي سىياسىتى بولمىغان بولسا بىزنىڭ بۈگىنىمىز بولمايتتى، پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىگە رەھمەت. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلدىم، يۇرتۇمدا يىلتىز تارتىپ، مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىمەن، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئىشلەيمەن، بۇ مېنىڭ ئەڭ زور ئارزۇيۇم.

  ھازىر يېزىلاردىكى ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىل مائارىپىنى قوشقاندا، جەنۇبىي شىنجاڭدا 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ ئىشقا ئاشۇرۇلدى،باقىدۆڭ كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش، بىلىم ئېلىش كەيپىياتى بارغانسېرى قويۇقلىشىۋاتىدۇ، كەنت ياچېيكا شۇجىسى ئەزىز تۇرسۇن مۇنداق دېدى: تۇرسۇن ئەبەي كەنتتىكى ياشلارغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى، كۆپچىلىكنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ ئالغا بېسىشقا ئىلھاملاندۇردى، ئىلگىرى كەنتىمىزدىن سىتۇدنېت چىقىپ باقمىغان، بۇ يىل ئىككى ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى، بىلىم ئىگىلىگەندىلا ئاندىن ئۈمىدنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر