باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

"جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى ئاكادېمىكلىرىنىڭ ئىلىم-پەن ئەخلاقىغا زىد قىلمىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى" ئېلان قىلىندى

2017.09.18 15:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى "جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى ئاكادېمىكلىرىنىڭ ئىلىم-پەن ئەخلاقىغا زىد قىلمىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى" يېقىندا ئېلان قىلىندى، چارىدا ئاكادېمىكلارنىڭ ئىلىم-پەن ئەخلاقىغا زىد قىلمىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى كونكرېت تەدبىرلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاكادېمىكلارنىڭ قىلمىشى ئىلىم-پەن ئەخلاقىدىن يىراقلىغان، ئاكادېمىك ئۆلچىمىگە خىلاپ بولسا، ئۇلارنىڭ ئاكادېمىك نامى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.

  چارىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاكادېمىكلارنىڭ ئىلىم-پەن ئەخلاقىغا زىد قىلمىشلىرى مۇنۇلارنى كۆرسىتىدۇ: ئوبيېكتىپ بولۇش، ئەمەلىي بولۇش، سەمىمىي بولۇش قاتارلىق پەن تەتقىقاتى ئۆلچىمىگە خىلاپ قىلمىشلار؛ ئاكادېمىك نامىغا ۋە ئوبرازىغا زىيان، جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىغان قىلمىشلار، پەن تېخنىكا پائالىيەتلىرىدىكى باشقا ناتوغرا قىلمىشلار. ئاساسلىقى بايقاش ۋە ئىجادىيەتلەرنى ساختا مەلۇم قىلىش؛ سانلىق مەلۇماتلانى ئويدۇرۇش، يالغانچىلىق قىلىش؛ باشقىلارنىڭ پەن تېخنىكا نەتىجىسىنى ئوغرىلاش، بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلىش؛ ئۆزىنىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىسىنى قەستەن مۇبالىغىلاشتۇرۇش، ھەمكارلاشقۇچىنىڭ رولىنى يوشۇرۇش ياكى كەمسىتىش؛ ساختا ئىلىم پەن پائالىيەتلىرىگە باش بولۇش ياكى قاتنىشىش قاتارلىقلار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر