باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا تور ئالدامچىلىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ %70ى ياشلار ئىكەن

2017.09.07 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بېرى، تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايىتىنىڭ يۈز بېرىشى ئېغىر بولماقتا، ھەمدە ئالدامچىلىق گۇرۇھلىرىنىڭ دېلو سادىر قىلىشتىكى ۋاسىتىلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭىلىنىپ تۇرماقتا. شىنجاڭ ساقچى تەرەپ پاش قىلغان دېلولار ئىچىدىن تەھلىل قىلىنىشىچە، ھازىر يېڭى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى بىر قەدەر كۆپ قوللىنىدىغان ياشلار ئاساسەن بۇ خىل زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار بولۇپ قالدى. 9- ئايدىكى ئوقۇش باشلاش پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىنىڭ جىنايەت پائالىيەتلىرىمۇ كۆپەيمەكتە.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگىنى بولغان"تېلېگراف تورلىرىدىكى قانۇنغا خىلاپ يېڭىچە جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش ۋە ئۇنى تۈزەش مەركىزى"نىڭ تونۇشتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلگەن: دېلولارنىڭ تىپلىرىغا قاراپ تەھلىل قىلغاندا، نۆۋەتتە، تور تۈرىدىكى ئالدامچىلىق دېلولىرىنىڭ مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشقان، تېلېفون تۈرىدىكى ئالدامچىلىق ئازايغان؛ بۇ خىل ئالدامچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ئىچىدە ياشلار %67.9نى، ئوتتۇرا ياشلىقلار %26.3نى، ياشانغانلار %5.8نى ئىگىلىگەن؛ ياش ئوقۇغۇچىلار ئالدانغان دېلولار ئاساسلىقى توردا مال سېتىۋېلىش، ھەمدە QQ ۋە ئۈندىدار قاتارلىقلاردا دوست تۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەرگە مەركەزلەشكەن.

  شىنجاڭ ساقچى تەرەپ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: كۈزلۈك ئوقۇش باشلاش پەسلىدە، ئوقۇغۇچىلارنى نىشان قىلغان ئالدامچىلىقلاردىن توردا قوشۇمچە ئىشلەش ئالدامچىلىقى، مۇكاپات (ئوقۇش) ياردەم پۇلى دېگەندەك ئالدامچىلىقلار ۋە توردا مال سېتىۋېلىش جەريانىدا يولۇقىدىغان ئالدامچىلىقلار، ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى نىشان قىلغان ئالدامچىلىقلاردىن «كۈتۈلمىگەن» بىر ھادىسە ئالدامچىلىقى ۋە تۇتقۇن قىلىپ قاقتى-سوقتى قىلىش ئالدامچىلىقى قاتارلىق ئالدامچىلىقلار باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. كەڭ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇپ، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئالدىنىپ قىلىشتىن پەخەس بولۇش كېرەك.

  ئۇندىن باشقا، شىنجاڭ ج خ تارماقلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا يولۇققاندا، دەل ۋاقتىدا 110غا تېلېفون قىلىپ، ساقچىغا مەلۇم قىلىش كېرەك، شىنجاڭ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى باشلامچى بولۇپ، بانكا، خەۋەرلىشىش شىركىتى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىش بېجىرىدۇ، 24 سائەت بىر تەرەپ قىلىش رايونى ئىچىدىكى تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىنىڭ ئەھۋالىنى قوبۇل قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر