باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدە مېيىپلارغا بېرىلىدىغان ئىككى تۈرلۈك ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئون نەچچە مىليوندىن ئاشتى

2017.09.07 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسى بىرلىشىپ، «خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىشخانىسى ۋە جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسى ئىشخانىسىنىڭ قىيىنچىلىقى بار مېيىپلارنىڭ تۇرمۇش تولۇقلىمىسى ۋە ئېغىر مېيىپلارنى پەرۋىش قىلىش ياردەم پۇلى تولۇقلىمىسى تۈزۈمىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ئائىت ئەھۋاللار توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، مەملىكەت بويىچە مېيىپلارغا بېرىلىدىغان ئىككى تۈرلۈك ياردەم پۇلى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  مەزكۇر «ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: «گوۋۇيۈەننىڭ قىيىنچىلىقى بار مېيىپلار تۇرمۇش تولۇقلىمىسى ۋە ئېغىر مېيىپلارنى پەرۋىش قىلىش ياردەم پۇلى تولۇقلىمىسى تۈزۈمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلىشى توغرىسىدىكى پىكرى» تارقىتىلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى قاتارلىق ئورۇنلار ئۆزلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 24 ئۆلكە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى قاتارلىق ئورۇنلار ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى نامىدا، ئۈچ ئۆلكە بولسا، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى نامىدا ۋە تۆت ئۆلكە بولسا تارماقلار بىرلىشىپ ھۆججەت تارقىتىش شەكلىدە ئۆزلىرىنىڭ يولغا قويۇش پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ بىلەن، مېيىپلارغا بېرىلىدىغان ئىككى تۈر ياردەم پۇلى تۈزۈمى مەملىكەت دائىرىسىدە ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلدى.

  مەزكۇر «ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»تا يەنە مۇنداق دەپ تونۇشتۇرۇش بېرىلگەن: تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىدىن قارىغاندا، 22 ئۆلكىنىڭ ھەر ئايدا بېرىدىغان تۇرمۇش ياردەم پۇلى 50 يۈەندىن 80 يۈەنگىچە بولغان، 10 ئۆلكىنىڭ ھەر ئايدا بېرىدىغان تۇرمۇش ياردەم پۇلى 100 يۈەنگە يەتكەن ياكى ئۇنىڭدىن ئاشقان. پەرۋىش قىلىش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىدىن قارىغاندا، 18 ئۆلكىنىڭ ھەر ئايدا بېرىدىغان پەرۋىش قىلىش ياردەم پۇلى 50 يۈەندىن 80 يۈەنگىچە بولغان، 14 ئۆلكىنىڭ ھەر ئايدا بېرىدىغان پەرۋىش قىلىش ياردەم پۇلى 100 يۈەنگە يەتكەن ياكى ئۇنىڭدىن ئاشقان. 11 ئۆلكىدە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش ئوبيېكتلىرىنى مۇقىم كىرىمى يوقلار، تۆۋەن كاپالەتكە يېقىنلار، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر، ئېغىر مېيىپ بولۇپ خىزمىتى يوقلار، كۆپ مېيىپ بار ئائىلىلەر، ياشانغان مېيىپلار دېگەندەك قىيىنچىلىقى بار ئاممىلارغىچە كېڭەيتكەن؛ بەش ئۆلكىدە بولسا، ئەقلىي ۋە روھىي جەھەتتىكى مېيىپلىق دەرىجىسى ئېغىر بولمىغانلارنىمۇ پەرۋىش قىلىش ياردەم پۇلى بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزگەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل 3- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىن باشقا جايلاردا، ياردەم بېرىلىدىغان پۇللار ناھىيە (رايون)لارنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. قىيىنچىلىقى بار مېيىپلارنىڭ تۇرمۇش تولۇقلىمىسى ۋە ئېغىر مېيىپلارنى پەرۋىش قىلىش ياردەم پۇلى تولۇقلىمىسى تۈزۈمىدىن مەنپەئەتلىنىدىغان مېيىپلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 10 مىليون 310 مىڭ ئادەمگە ۋە 10 مىليون 730 مىڭ ئادەمگە يەتكەن؛ تارقىتىلغان تۇرمۇش ياردەم پۇلى ۋە پەرۋىش قىلىش ياردەم پۇلىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 13 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە ۋە 12 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر