باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹ئانىلار ساغلاملىقى تېز ئاپتوموبىلى ھامىلىدارلارنى يېتەكلەش مۇلازىمىتى›› تۈرى ئانا–بالىلارنىڭ ساغلاملىق سۈپىتىنى ئۆستۈردى

2017.08.29 14:05         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئاياللار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى تەشكىللىگەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئۈستىگە ئالغان ‹‹ئانىلار ساغلاملىقى تېز ئاپتوموبىلى ھامىلىدارلارنى يېتەكلەش مۇلازىمىتى›› تۈرىنىڭ شىنجاڭدىكى تەربىيەلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى 8–ئاينىڭ 18– كۈنى سانجىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكىتىمىزدىكى 23 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)دىكى ئاياللار بىرلەشمىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، بۇ تۈر يولغا قويۇلۇۋاتقان دوختۇرخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە تۇغۇت يېتەكچىلىرىدىن بولۇپ 170 نەچچە كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

  ئۇقۇشىمىزچە، جۇڭگو ئاياللار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى جۇڭگودا ھامىلىدارلارنىڭ ئوپېراتسىيە ئارقىلىق يەڭگىش نىسبىتىنىڭ دۇنيا بويىچە يۇقىرى ئىكەنلىكى، %50كە يېقىن بوۋاقنىڭ ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇلىدىغانلىقى، بۇ خىل ئۇسۇل ھامىلىدارلاردا ئۆمۈرلۈك تارتۇق قالدۇرۇپلا قالماي، تۇغۇتتىن كېيىنكى دېۋەڭلىك قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، 2013–يىلىدىن باشلاپ ‹‹ئانىلار ساغلاملىقى تېز ئاپتوموبىلى ھامىلىدارلارنى يېتەكلەش مۇلازىمىتى›› تۈرىنى يولغا قويغان، بۇ تۈر ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق ھامىلىدار ئاياللارنىڭ يەڭگىش جەريانىدىكى تولغاق ئازابىنى يېنىكلىتىپ، ئۇلارغا تۇغۇت جەريانىدا ئازادىلىك ھېس قىلدۇرۇپ، ھامىلىدار ئاياللارنى ئۆزى يەڭگىشكە يېتەكلەپ، ئانا – بالىلارنى بىخەتەر تۇغۇت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  جۇڭگو ئاياللار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى ھازىرغىچە بۇ تۈرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن دوختۇرخانىلاردا 130 نەچچە قېتىم مەخسۇس كۇرس ئۇيۇشتۇرۇپ، 1500 دىن كۆپرەك تېببىي خادىمنى تەربىيەلىگەن. بۇ تۈر يولغا قويۇلۇپ ھازىرغىچە 40 نەچچە مىڭ ھامىلىدارنىڭ ئۆزى يەڭگىشىگە ياردەم بېرىلگەن. بۇ تۈر 2016–يىلى شىنجاڭدا يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو ئاياللار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى شىنجاڭدىكى 11 ۋىلايەت، ئوبلاست (شەھەر)دىكى تۈر ياردىمىگە ئېرىشكەن 17 دوختۇرخانىغا 13 مىليون 690 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى تۇغۇتقا ئالاقىدار داۋالاش ئۈسكۈنىسى ئىئانە قىلغان ھەم 1052 ھامىلىدارنىڭ ئوڭۇشلۇق يەڭگىشىگە ياردەم قىلغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس خوۋ خەنمىن مۇنداق دېدى: ئانا – بالىلارنىڭ ساغلاملىق سۈپىتى ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق سۈپىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ، تۇرمۇش سۈپىتى ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيلىكنىڭ مۇھىم بەلگىسى. شىنجاڭدا ‹‹ئانىلار ساغلاملىقى تېز ئاپتوموبىلى ھامىلىدارلارنى يېتەكلەش مۇلازىمىتى›› تۈرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى تۇغۇت سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، ئانا – بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاياللارنىڭ يەڭگىگەندىن كېيىن جەمئىيەتكە داۋاملىق تۆھپە قوشۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر