خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ئاينىڭ 28- كۈنى، تەقدىرلەنگەن تەنتەربىيە سىستېمىسىنىڭ ۋەكىلى ۋە تەنھەرىكەتچىلەر ۋەكىللىرى يىغىن نەق مەيدانىدا. مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ھارپىسىدا، 28- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى تيەنجىندە مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىدىكى ئىلغارلار ۋە تەنتەربىيە سىستېمىسىدىكى ئىلغارلارنى تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى. شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھىرى چىڭياڭ رايونى، دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى قاتارلىق ئورۇنلار ۋە شەخسلەر تەقدىرلەندى.
مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىدىكى ئىلغار ئورۇن، ئىلغار شەخس، مەملىكەتلىك تەنتەربىيە سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم تەقدىرلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى تەقدىرلەش يىغىنىدا 3259 ئورۇنغا «2013- 2016- يىللىق مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىدىكى ئىلغارلار ئورۇن» دېگەن نام ۋە 2465 نەپەر يولداشقا «2013- 2016- يىللىق مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىدىكى ئىلغار شەخس» دېگەن نام بېرىلدى؛ 70 ئورۇنغا «مەملىكەت بويىچە تەنتەربىيە سىستېمىسىدىكى ئىلغار» دېگەن شەرەپلىك نام ۋە 44 نەپەر يولداشقا «مەملىكەت بويىچەتەنتەربىيە سىستېمىسىدىكى ئىلغاركوللېكتىپ» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى