باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چېگرادىن ھالقىپ كىرگەن ھىندىستان چېگرا مۇداپىئە خادىملىرى پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقتى

2017.08.29 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 28-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو-ھىندىستان چېگراسىنىڭ سىككىم بۆلىكىدە چېگرادىن ھالقىپ كىرگەن ھىندىستان چېگرا مۇداپىئە خادىملىرى ۋە قورال-جابدۇقلىرىنىڭ ھەممىسى چېگرانىڭ ھىندىستان تەرىپىگە قايتىپ كەتكەن، ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ چېگرا ھالقىپ كىرىش ئىشى ھەل قىلىنغان.

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ شۇ كۈنلۈك قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: 6-ئاينىڭ 18-كۈنى، ھىندىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ سىككىم بۆلىكىدىكى بېكىتىلگەن چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈپ، جۇڭگونىڭ دوڭلاڭ رايونىغا كىردى. جۇڭگو تەرەپ كۆپ قېتىم دېپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ھىندىستان بىلەن سۆزلىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، جۇڭگونىڭ كەسكىن مەيدانى ۋە ئېنىق تەلىپىنى شەرھلەپ، ھىندىستان تەرەپنى ھىندىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنى دەرھال چېگرانىڭ ھىندىستان تەرىپىگە قايتۇرۇپ كېتىشكە ئۈندىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو ئارمىيەسى كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغدىدى.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 28-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ھىندىستان چېگرادىن ئۆتكەن خادىملار ۋە ئۈسكۈنىلەرنى چېگرانىڭ ھىندىستان تەرىپىگە پۈتۈنلەي چېكىندۈردى، جۇڭگو تەرەپنىڭ نەق مەيداندىكى خادىملىرى بۇنى جەزملەشتۈردى. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تارىختىكى چېگرا شەرتنامىسى بويىچە ئىگىلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدۇ.

  خۇا چۇنيىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھىندىستان بىلەن بولغان ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ھىندىستاننىڭ تارىختىكى چېگرا كېلىشىمى ۋە خەلقئارا قانۇن ئاساسىي پىرىنسىپىغا ھەقىقىي رىئايە قىلىشىنى، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، چىگرا رايونلىرىنىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى قوغداپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر